خەلق تەرىپىدىن ›تۆمۈر ئانا‹ دەپ ئاتالغان ھۆرنىساخان 8 بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، بۇ ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغۋار ئائىلە ئايالىنىڭ ئالتە ئوغلى خىتايغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. ھۆرنىساخاننىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەر، بىر تەرەپتىن غۇلجا خەلقىنى قايغۇغا چۆمدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىپتىخارلاندۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2008.10.14
Rabiye-yawropada1-305ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ. ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻤﯘ › ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﻧﺎ › ﻫﯚﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯚﺯﻯ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
پەرزەنتلىرى تۇرمىدا ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ھېلىمۇ تۇرمە ئازابى تارتىۋاتقان ۋەياكى ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەن نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار، ئىككى بالىسى خىتاي تۇرمىسىدا قىينىلىۋاتقان، تۆت بالىسىنى يەرلىكىدە قويۇپمۇ كۆزىدىن بىر تامچە ياش تۆكۈشنى راۋا كۆرمەي مەغرۇر ياشاۋاتقان بۇ ›تۆمۈر ئانا‹ نىڭ غەيرىتىگە قاراپ، ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىدىغان بولغان.

ئۇيغۇر ئانىلىرى – قەھرىمان ئانىلاردۇر!

›ئۇيغۇر ئانىلىرى خائىن تۇغىدىغان ئانىلار ئەمەس، بەلكى قەھرىمان تۇغىدىغان ئانىلاردۇر. يىراق ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر ئانىلىرى باتۇر تەڭرىقۇت، تومارىسقا ئوخشاش ئالەمشۇمۇل باھادىرلارنى تۇغقان بولسا، يېقىن ئۆتمۈشتىكى ئۇيغۇر ئانىلىرى ئىپارخان، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشاش مىڭلىغان قەيسەر ئوغۇل – قىزلارنى تۇغقان ئىدى.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئانىلىرى يەنە، قۇربانجان ھېمىت، ئابدۇراخمان ئازاتقا ئوخشاش ئاجايىپ جەسۇر قەھرىمانلارنى تۇغماقتا. رابىيە قادىر كەبى مەردانە ئانىلار يەنە بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئازاتلىق كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلماقتا‹ دەيدۇ گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندى.

خىتاي تۈرمىسىدىكى دەھشەتلىك زۇلۇم

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ›تۆمۈر ئانا‹ نىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان ئوغۇللىرىنىڭ تۆتىنچىسى بولغان مەرھۇم ھىكمەت تۇردى تۈرمىدە ئېغىر روھى بېسىمدىن سىرت، كىچە – كۈندۈز ئەمگەك بىلەن قىيناش جازاسىغا ئۇچرىغان. تۈرلۈك تەن جازالىرى بىلەن قېيىن – قىستاقلارغا ئېلىنغان. قاتتىق ھاقارەتلەنگەن.

قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ۋەھشىيلەرچە قىيناش خىتاي تۈرمىلىرىدە ئومۇملاشقان جازا بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ بۇنداق جازادىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار ئىزچىل ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

د ئۇ ق مۇ يېقىندىن بۇيان، خىتاي تۈرمىلىرىدە مەخسۇس تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدىن ماتېرىيال توپلاپ، ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى تەمىنلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەرگە كىشىنىڭ سەۋرى – تاقىتى يەتمەيدىكەن.

مەرھۇم ھىكمەت تۇردى تاياق زەربىدىن ئۆلگەن

مەرھۇم ھىكمەت تۇردى جىسمانىي جەھەتتە تامامەن زەئىپلىشىپ، ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغاندىلا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. تۆت يىلدىن بېرى كۆپ قېتىم داۋالانغان بولسىمۇ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمىگەن. تۈرمىدىكى ئېغىر جازا زەربىلىرى ئۇنىڭ ئىچ – ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن. 7 يىل خىتاي تۈرمىسىدە خارلانغان ھىكمەت تۇردى بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تۇيۇقسىز قازا قىلغان.

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم ھىكمەت تۇردىنىڭ ئۆپكە، جىگەر قىسىملىرى قاتتىق زەخمىلەنگەن، بۆرىكى زەئىپلىشىپ ئۆيلىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. ئۇنىڭ دۈمبە تەرىپىگە يەنە داغمال يېقىلغان ۋە پىچاققا ئوخشاش نەرسىلەر قىزىتىلىپ بېسىلغان. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، يۇرت – جامائەت جەسەت يۇيغۇچىلارنىڭ تەلىپى بىلەن مەرھۇمنىڭ جەسىتىنى زىيارەت قىلغان. كىشىلەر ئۆزلىرىنى بېسىۋالالماي تارام – تارام ياش تۆكۈشكەن. ھەتتا شۇ مەھەللىدىكى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بەزى ساتقىن ئۇيغۇرلارمۇ مەرھۇمنىڭ بەدىنىدىكى جازانىڭ ئېچىنىشلىق ئىزلىرىنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالماي يىغلاپ تاشلاشقان.

غۇلجا خەلقى ›تۆمۈر ئانا‹ غا ئىگە چىققان

ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، غۇلجىدىكى جامائەت مەرھۇم ھىكمەت تۇردىنىڭ نەزىرىسىنىڭ چىقىمىنى بىر ‏- بىرىدىن تالىشىپ تۇرۇپ ئۈستىگە ئېلىشقان. ›تۆمۈر ئانا‹ نىڭ ئائىلىسىگە بەس ‏- بەستە تۈرلۈك ئىقتىسادى ياردەملەردە بولۇشقان.

نامەلۇم كىشىلەر ›تۆمۈر ئانا‹ نىڭ قوراسى ئالدىغا ئۇن، ياغ، گۆش دېگەندەك نەرسىلەرنى تاشلاپ قويۇپ ئۈن – تىۋىشسىز كېتىپ قالىدىغان بولۇشقان. شۇ جاينىڭ شارائىتىغا كۆرە، قەھرىمان ئانىلارنى تارتۇقلاشتا كىشىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى ئەنە شۇنچىلىك ياردەملەردىن ئىبارەت ئىدى.

خىتاي تەشۋىشتە

دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ دەبدەبىلىك نەزىرىسىدىن قاتتىق چۆچۈپلا قالماي، مەرھۇمنى يەرلىكىگە قويۇش جەريانىدا خەلق ئىچىدە ۋەقە يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ، يۈزلىگەن ساقچى، ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ، تاكى قەبرىستانلىققا قەدەر بىرگە چىقىشىپ، جەسەت يەرلىكىدە قويۇلۇپ بولغىچە نازارەت قىلىپ تۇرغان.

داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم

بۈگۈن ›تۆمۈر ئانا‹ نىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك كۈنلەر ۋە ›تۆمۈر ئانا‹ نىڭ جاسارىتى غۇلجا تەۋەسىدە تەسىرلىك ھىكايىگە ئايلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجىدىكى بۇ جىددىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە، ›ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى‹ نى كەڭ قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە، دىنىي زاتلارغا قارىتا ›ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى‹ دىن ئىبارەت مىڭە يۇيۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيتكەن. لېكىن ›تۆمۈر ئانا‹ ۋە ھىكمەت تۇردى روھىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.