2008.10.13

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىنلاندىيىنىڭ بۇرۇنقى پرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسارى بىلەن تەڭ ئورۇندا ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار قاتاردىن ئورۇن ئېلىشى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر قانچە يىلدىن بىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى، فرانكفورت شەرقى تۇركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتىخان سۆزىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەرنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتى ئېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ كۈچلۈك نامزاتلار قاتاردىن ئورۇن ئالغان رابىيە قادىر خانىمنى ھەر خىل بۆھتانلار بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ. كۈرەش ئاتىخان بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
ئالدىنقى ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاننېلىيە ئېناكسون خانىم » ئەگەر رابىيە قادىر بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسە، كېلەر يىلى يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.