2008.10.12
مەلۇم بىر ئۇيغۇر تور بېتىنىڭ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ لىدېرى سۇن گۇئاڭشىن، خۇئالىڭ گۇرۇھىنىڭ لىدېرى مى يىنخۇئا، تىيانشان ئېلېكتىرىك شىركىتىنىڭ خوجايىنى جاڭشىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، سۇنگۇئاڭشىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ بايلار تىزىملىكىدە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن.
ئامېرىكىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر سابىق شىركەت ئىگىسى بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، 90 – يىللاردا رابىيە قادىر خانىم خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايلار تىزىملىكىگە كىرگەن بولسا، يېقىنقى يىللاردا ئەكرەم ئەيسايوپنىڭمۇ بايلار قاتارىغا ئۆتكەنلىكى، بىراق، بۇ ئۇيغۇر بايلىرى ئىلگىرى – كېيىن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، ئەمما، سۇڭ گۇئاڭشىن ۋە باشقىلارنىڭ كۈندىن – كۈنگە بېيىپ، پۈتۈن جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بېيىلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.