2008.10.09
17 ئۇيغۇرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىنىڭ تۈپتىن رەت قىلىنىشىدۇر
بۇ ھەقتىكى خەۋەر، بىر قانچە كۈندىن بۇيان غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەسىلەن، گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇر ئافغانىستاندا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا سوتى تەرىپىدىن، » ئۇلار دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس ۋە گۇناھسىز،» دەپ ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن ئىدى.
خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ 7 يىلدىن بۇيان بۇ ئۇيغۇرلارنى، » ئەل – قائىدە تەشكىلاتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار ئەڭ ئەشەددىي تېررورچىلار » دەپ قارىلاپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ قالغانلىقىنى ۋە بىر قىسمىنىڭ ئافغانىستاندا ھەربىي تەلىم – تەربىيە ئالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ » تېررورچى » ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ زور ئىسپاتى قىلىپ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى.
دېمەك، ئامېرىكا سوتىنىڭ قارارى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇخىل ئەيىبلەش ۋە قارىلاشلىرىنىڭ تۈپتىن ئىنكار ۋە رەت قىلىنىشى ئىدى.
بۇ ۋەقە، ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردا ھاياجان، خىتايلار ئارىسىدا بولسا ئەندىشە ۋە تەشۋىش پەيدا قىلماقتا
قىزىق يېرى، تۈنۈگۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىسى ھېسابلانغان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى » تيانشان خەۋەر تورى» مۇ ئامېرىكا سوتىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، گېرمانىيىدىكى » شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى » نىڭ ۋەتەندىن بىۋاستە ئىگىلىشىچە، بۇ خەۋەر ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ھەتتا خىتاي كۆچمەنلىرىنىمۇ ھاڭ – تاڭ قالدۇرغان ۋە كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا بولغان ئىشەنمەسلىك تۇيغۇلىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىغا سەۋەبچى بولغان.
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى قارىلاشتىكى ئەڭ چوڭ سىياسى كوزۇرىدىن ئايرىلىپ قالدى
چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئىچكى تەشۋىقاتلىرىدا ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا، ئىدارە – جەمئىيەتلەرگە تارقىتىپ كەلگەن ئاتالمىش » مىللىي بۆلگۈنچىلىك » كە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ھۆججەت – ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسىدىلا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ھەربىي ھۇجۇمى جەريانىدا 20 نەچچە ئۇيغۇر » تېررورچى » نىڭ ئەسىر ئېلىنغانلىقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ » ئەشەددىي تېررورچى » لارنىڭ تاناۋىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى، ئەلقائىدە تېررور تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم » تايانچ كۈچلىرى » ھېسابلانغان بۇ ئۇيغۇر » تېررورچى » لارنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا چىقىش يولىنىڭ يوقلۇقىنى ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
يەنە كېلىپ گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 20 نەچچە ئۇيغۇر، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى » تېررورلۇق ھەرىكەت » دەپ قارىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ دەسمايىسى ۋە كوزۇرى ئىدى.
ئەمدىلىكتە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ خەۋەر قىلىنىشى، ۋەتەن ئىچىدىكى بەزى خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە زور بىر رەسۋاچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە ئۆز تۈكۈرۈكىنى ئۆزى يالىغانلىق ئىدى. شۇڭا، ئامېرىكا سوتىنىڭ يۇقىرىقى قارارىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور ئۈمىد ۋە جاسارەت پەيدا قىلسا، خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدا قاتتىق ئەندىشە ۋە ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر.
گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقوقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن
ئامېرىكا سوتىنىڭ قارارىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، » بۇ، دېموكراتىيىنىڭ زەپىرى، شۇنداقلا ھەقىقىي بىر قانۇن دۆلىتىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقۇقىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى » دەپ قارىماقتا.
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىشىدا، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىلىق ئادۋوكاتلىرى ھەل قىلغۇچ مۇھىم رول ئوينىغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستانغا قېچىپ چىقىشىدىكى سەۋەب نىمە ؟ ھەربىي جەھەتتە تەلىم – تەربىيە ئېلىشتىكى تۈپ مەقسىتى نىمە ؟ ئۇلارنىڭ دۈشمىنى كىم ؟ ئۇلارنىڭ يەتمەكچى بولغان غايىسى نىمە ؟ ئۇلار ئافغانىستانغا قېچىپ چىققاندىن كېيىن ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرىگە ئىشتىراك قىلدىمۇ ؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش ۋە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان ئامېرىكا ئادالىتىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتە ئۆزىنى – ئۆزى ئاقلىشى ۋە مۇداپىئە قىلىشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغان ئىدى.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قانۇن تارماقلىرىمۇ ئامېرىكا قانۇن ئورگانلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلقائىدە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ چىقىشىغا » ياردەم » بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ » خەلقئارا تېررورنىڭ بىر پارچىسى » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن ئالايىتەن گۇئانتاناموغا سوراقچى خادىملارنى ئەۋەتكەن، نەتىجىدە ئامېرىكا تەرەپنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر دەلىل – ئىسپاتنى كۆرسىتەلمەي پالتا – كەكىسىنى قېقىپ قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ نەزىرىدە، ئۆز – ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ھوقوقى بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇق ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ھوقۇقلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھېچبىر ئۇيغۇر ئۆز ۋەتىنىنى، سۆيۈملۈك ئاتا – ئانا ۋە بالا – چاقىسىنى، شۇنداقلا دوست – يارەنلىرىنى تاشلاپ ئافغانىستانغا ياكى باشقا ئەللەرگە ھاياتلىق ئىزدەپ قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولمىغان بولاتتى.
ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار قانۇنىي جەھەتتە ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىشتىن مەھرۇم
خۇددى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايان قىلغىنىدەك، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىغا چۈشكەنلىكى ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار ھېچبىر سوئال – سوراقسىزلا ئۆلۈم جازالىرىغا ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىپ كېلىنمەكتە.
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدىكى سوت يىغىنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېپىق ۋە مەخپىي ئېچىلىشىمۇ، ئۇلارغا ئۆزىنى ئاقلاش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ھېچبىر قانۇنىي ھەق – ھوقۇقنىڭ تونۇلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
يەنە كېلىپ، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئادۋوكاتلىق ساھەسى ناھايىتى بەربات ۋە بىچارە بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنى ھېسابلانغان سىياسىي مەھبۇسلار ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنى ئاقلايدىغانغىمۇ ئادۋوكات يوق.
مەسىلەن، ئىلى رايونىنى ئېلىپ ئېيتساق، » ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى » دەپ ئاتالغان بۇ رايوننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان رەسمىي نوپۇسى 4 مىليون 200 مىڭ نەپەر بولۇپ، » ئازسانلىق مىللەت » لەرنىڭ نىسبىتى 54.8 پىرسەنت.
ئۇنداقتا بۇ رايوندىكى ئادۋوكاتلارنىڭ سانىچۇ ؟
ئىلى ئاخبارات تورىنىڭ ئۆتكەن يىلى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن ئوبلاست بۇيىچە 25 ئادۋوكاتلىق پونكىتى، 163 نەپەر ئادۋوكات بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەتلا 23 نەپىرى » ئازسانلىق مىللەت » ئادۋوكاتىدىن ئىبارەت. يەنى، 3 مىليونغا يېقىن » ئازسانلىق مىللەت » نىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سانى پەقەتلا 23 نەپەر.
خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچىمۇ، 1997 – يىلىدىكى » 5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى » سەۋەبىدىن ھازىرغا قەدەر قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرلۈك جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىر قانچە مىڭ نەپەرگە يەتكەن، قېنى ئېيتىڭچۇ ؟ بۇلارنى سوتتا كىم ئاقلايدۇ ؟
خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى سوتلاش ئۇسۇلى
خۇددى » غۇلجا ۋەقەسىگە چېتىشلىق » دەپ جازالانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق سوت يىغىنلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ بايان قىلغىنىدەك، سوتلاش تەرتىپى مۇنداق : ئاۋۋال تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارىلىغۇچىسى ئەيىبنامىنى جاراڭلىق ئوقۇپ چىقىدۇ، ئارقىدىنلا سوتچى ھۆكۈمنى ئېلان قىلىدۇ، بىر – ئىككى سائەتتىن كېيىن مەھبۇسنىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە تاشلاپ بېرىدۇ ۋە نەچچە پاي ئوقتا ئۆلگەن بولسا، شۇنچە پاي ئوقنىڭ پۇلىنى ئالىدۇ، يىگەن ئوقنىڭ پۇلىنى بەرمىسەڭ جەسەتنى بەرمەيدۇ.
سوتتا ئادۋوكات ياكى مەھبۇسنىڭ زۇۋان سۈرۈشى چەكلەنگەن بولۇپ، مەھبۇسنىڭ ھۆكۈمنامىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ ۋاقىراپ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر بىر مەھبۇس گېلىدىن قوشۇپ چەمبەر – چاس باغلىنىدۇ ۋە ئىككىدىن ساقچى مەھبۇسنىڭ گېلىدىكى يىپنى مەھكەم تارتىپ تۇرىدۇ.
بۇنداق ۋەزىيەتتىكى بىر ئىنسان ئۆزىنى قانداقمۇ ئاقلىيالىسۇن ؟
دېمەك، ئۆز ۋەتىنىدە ئۆزىنى ئاقلاشتىن مەھرۇم قالغان 17 ئۇيغۇرنىڭ، ۋەتىنىدىن 10 نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۇبانىڭ گۇەنتانامو ئارىلىدا ئۆزىنىڭ دەرت – ئەلىمىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تراگېدىيىنىڭ جانلىق بىر ئۆرنىكىدىن ئىبارەت.