2008.10.09
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ، نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ كۈچلۈك نامزاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلار رابىيە خانىمنىڭ مەزكۈر مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.
بۇ ئارىدا نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ فرانسىيە يازغۇچىسى Jean Marie Gustave Le Clezio گە بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن گۇستاۋنىڭ 1963 – يىلىدىن بۇيان ھازىرغا قەدەر 30 دىن ئارتۇق ھېكايە، ئەسلىمە، ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى «قۇملۇق»ۋە » ئەرزىيەت خاتىرىسى» ناملىق رومانلىرىدىن ئىبارەت.
1994 – يىلى، فرانسىيىدە چىقىدىغان » ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، گۇستاۋنى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ مەشھۇر فرانسۇز يازغۇچى دەپ باھالىغان.
2000 – يىلى فرانسىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن خىتاي يازغۇچىسى، گاۋ شىڭجيەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان. 2007 – يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پامۇققا بېرىلگەن ئىدى.