2008.10.07

سوئال: سىزنىڭچە رابىيە قادىر بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەرمۇ؟
جاۋاب: بۇنى بىلمەك تەس ،ھازىرچە مەيلى ستوكھولىم تەرەپتىن بولسۇن، مەيلى ئوسلو تەرەپتىن بولسۇن بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. مەن كېسىپ بىرنەرسە دېيىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئەسلى مەن بۇ يىل رابىيە قادىرنى نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە شىۋېتسىيىدە تارقىتىلىدىغان يەنە بىر ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغىمۇ نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدىم، بىراق ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلىپ بولدى، رابىيە قادىرنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن كۆڭلۈم يېرىم بولدى.
سوئال: سىز رابىيە قادىرنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا مۇناسىپ شەخىس دەپ قارامسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە ،مېنىڭ نەزىرىمدە رابىيە قادىر ئەڭ مۇۋاپىق ، بولمىسا مەن رابىيە قادىرنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسەتمىگەن بولاتتىم.
سوئال:ئەگەر رابىيە قادىر بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسە ، سىز ئۇنى يەنە كېلەر يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتەمسىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە ،مەن ئۇنىڭ بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئېرىشەلمەي قالسا كېلەر يىلىمۇ ،يەنە بىر يىلىمۇ، ھەتتا تاكى ئۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن.
سوئال: خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئاخبارات ئىلان قىلىپ، «ئۇ غەرب دۇنياسىنى ئالداپ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ ، ئۇ غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشىدىكى قورالى»دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب:رابىيە قادىر ئۇيغۇرلارنىڭ لېدىرى، ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى ھەر خىل باياناتلارنى بېرىشى تەبئىي بىر ئىش.
سوئال: خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىرنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە چېتىشلىقى بار جىنايەتچى دەپ قارىلاۋاتىدۇ،بۇنىڭغا قانداق ئىنكاسىڭىز بار؟
جاۋاب:خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولغانلارنى بۇنداق ئەيىبلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئەمەس، بۇندىن بۇرۇنمۇ بۇنداق ئەيىبلەشلەر تالاي قېتىم بولغان. مەن ئوسلودىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ نامزاتلارنىڭ ئىچىدىن رابىيە قادىردەك ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.