ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.10.07
2008.10.07
بۇ يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ھەمدە كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم قايتا نامزات كۆرسىتىلگەندىن باشقا، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ھەم ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيامۇ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
دۇنيا مەتبۇئاتىدا خۇجيانىڭ بۇ يىللىق نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە،خۇجيا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 1 – ئاپرىلدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ،ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، ھازىرمۇ خىتاي تۈرمىسىدە قامالماقتا.
تىبەت روھانىي ۋە دىنىي داھىسى دالاي لاماغىمۇ 1989 – يىلى خىتاينىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا قارىماي نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن ئىدى.
بۇ يىل خەلقئارا كىشلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2008 – يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى يەنىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.