2008.10.03
197 نەپەر نامزات ئىچىدىكى بۇ يىلقى مۇكاپاتنىڭ لائۇرىياتى 10 – ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ يىل ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى ئومۇمى ئەھدىنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدۇر.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ يىلقى مۇكاپاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىگە بېرىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوسلودىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ستېين تونېيسون، » بۇ يىلقى مۇكاپات ئاخىرى خىتاي ئۆكتىچىسىگە بېرىلىشى مۇمكىن. مەن بۇنىڭ خۇ جيا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بېرىلىش ئېھتىماللىقى زور، دەپ قارايمەن،» دەپ تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر بۇ يىلقى مۇكاپات خىتايلارغا بېرىلسە، بۇ خىتاي دائىرىلىرىغا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش كېرەكلىكى توغرىسىدا بېرىلگەن بىر بىشارەت بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2006 – يىلدىن بېرى ھەر يىلى نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى نورۋېگىيە دائىرىلىرىنى رابىيە قادىر خانىمغا مۇكاپات بەرمەسلىككە، ئەگەر مۇكاپات ئۇنىڭغا بېرىلسە بۇ خىتاي – نورۋېگىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
بۇ يىلقى مۇكاپاتنىڭ خۇ جياغا بېرىلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي يەنە مۇكاپاتنى خۇ جياغا بېرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.