2008.09.28
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەتكە پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى لىچى قاتناشقان. ئۇ، چەتئەللىك گېزىتچىلاردىن «چەت ئەللەردە شىنجاڭنى چۈشىنىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئوبيېكتىپ، رېئال شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش كېرەكلىكىنى «تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەندە، رابىيە قادىر باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئاتالمىش «مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بۇرمىلىغانلىقى» نى ئەيىبلىگەن ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە، چەتئەللەردىكى ئاتاقلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، رويتېرس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، س ن ن، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىقلار دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى، تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ تۇرۇش بىلەن خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە.
ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەمدە چەتئەللەردىكى مۇستەقىل مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەرلىرىنى قامال قىلىشنىمۇ كۈچەيتمەكتە.