ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن، 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان، » مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى » دا قىلغان سۆزىدە، بۇ يىل قىشتىن، كېلەر يىلى يازغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسى بۇيىچە » مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قايتا تەربىيە » ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﯩﺪﻯ
2008.09.25
Rabiye-yawropada1-305ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻫﻪﺭﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ. ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻤﯘ › ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﻧﺎ › ﻫﯚﺭﻧﯩﺴﺎﺧﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯚﺯﻯ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
تۆھپە كۆرسىتىپ، نام – شۆھرەت قازىنىشقا ئالدىراپ كەتكەن ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت تارماقلىرى، قىشنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىنلا بۇ ھەرىكەتنى بالدۇر باشلىدى.

ۋاڭ لېچۇەننىڭ چاقىرىقىدىن ئىككى كۈن كېيىن، يەنى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى غۇلجىدا چاقىرىلغان ئوچۇق سوت يىغىنىدا 24 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي سوتى تەرىپىدىن تۈرلۈك جازالارغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ماھىيەتتە بولسا ۋاڭ لېچۇەننىڭ يۇقىرىقى چاقىرىقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى ئىدى.

بۇ قېتىم باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تۈپ نىشانى بولسا خۇددى قورچاق رەئىس نۇر بەكرىنىڭ سەپەرۋەرلىك دوكلاتىدا ئوچۇق كۆرسىتىلگىنىدەك، » رابىيە قادىر ۋە شەرقىي تۈركىستانچىلار » ئىدى.

گېرمانىيىدىكى » شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيون مەركىزى » نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، بىر قانچە كۈندىن بۇيان كورلا شەھىرىدىكى ئىدارە – جەمئىيەتلەردە، » رابىيە قادىر ۋە شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش » دېگەن نامدا ھەر كۈنى مەخسۇس يېرىم كۈن كۈرەش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە بۇ يىغىنغا، » رابىيە قادىرنى پىپەن قىلىش يىغىنى » دەپ نام بېرىلگەن. يەنە شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا رايونلىرىدىمۇ بۇ خىلدىكى » پىپەن » يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇشقا باشلانغان.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتا شۇكى، كېيىنكى مەزگىللەردىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، » رابىيە گۇرۇھى «، » رابىيە قادىر ۋە شەرقىي تۈركىستانچىلار «، » رابىيە قادىر ۋە 3 خىل كۈچلەر » دېگەندەك ئۇقۇملار تىلغا ئېلىنىپ كېلىنمەكتە. يەنى، رابىيە خانىمنىڭ ئىسمى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى بىلەن بىرگە تەڭ تەلەپپۇز قىلىنماقتا.

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ، بىر تەرەپتىن رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدىكى ۋەكىللىك ۋە رەھبەرلىك سالاھىيىتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ھېسابلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ، چەتئەللەردە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەرىپىدىن » ھەقىقىي رەقىپ » دەپ قارالغان كۈچلۈك بىر رەھبەرگە ۋە بۇ رەھبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى كۈچلۈك بىر قوشۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان 49 – يىلىدىن، تاكى سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 90 – يىللارنىڭ باشلىرىغا قەدەر، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى تۈركىيىدە ۋاپات بولغان 1995 – يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنى ۋە ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلىرىنى، » ئەيسا گۇرۇھى » ياكى » ئەيسا باشچىلىقىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر » دەپ ئاتاپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى، » ئەيسا گۇرۇھىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن بولغان » دەپ قارىغان ئىدى.

خۇددى خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدىمۇ قەيت قىلىنىپ كىلىنگىنىدەك، ئەيسا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى يېرىم ئەسىرگە يېقىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى بايراقدارلىقىنى قىلىپلا قالماستىن يەنە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى نەزەرىيىۋىي ئاساس ۋە يېتەكچى ئىدىيە بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ نەزەرىيىۋىي ئاساس ۋە يېتەكچى ئىدىيە، 49 – يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مىللىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي ئىزچىل داۋام قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

مەيلى خىتاي ھاكىمىيىتى » ئەيسا گۇرۇھى » نى » پان تۈركىسىزىمچى » دېسۇن ياكى » جاھانگىرلارنىڭ گۇماشتىسى » دېسۇن، ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيىسى شۇ دەۋىرگە ماسلاشقان، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي ئەللەرنىڭ ھەممىسى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇپ، مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ھەمكارلىقىنى تەكىتلەش زۆرۈر ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ » رابىيە گۇرۇھى » ياكى » رابىيە قادىر ۋە شەرقىي تۈركىستانچىلار » دېگەن ئىسىمنى تەلەپپۇز قىلىشى ۋە ئۇنى زەربە بېرىش نىشانى قىلىپ تاللىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىدە بىر دەۋىرگە خاتىمە بېرىلىپ، يېڭى بىر دەۋىرنىڭ باشلانغانلىقىنى، بۈگۈنكى دەۋىرگە ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقوق پرىنسىپلىرىنى يېتەكچى ئىدىيە ۋە ھەرىكەت نىزامى قىلغان رابىيە خانىم ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ، خۇددى ئۆتمۈشتىكى » ئەيسا گۇرۇھى » غا ئوخشاشلا خىتاي ئۈچۈن زور بىر تەھدىت ۋە خەتەرگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتى » ئەيسا گۇرۇھى » نى يوقىتىش ئۈچۈن 50 يىلىنى سەرپ قىلىپمۇ ھېچبىر ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى، ئەمدىلىكتە » رابىيە گۇرۇھى » بىلەن ھەپىلىشىشكە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئۆمرى يېتەرمۇ ؟