كانادا 14 – ئۆكتەبىر كۈنى ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كانادانىڭ 4 يىل ئىچىدىكى 3 – قېتىملىق ئومۇمى سايلىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر ئالدىنقى ھەپتىدە كانادا باش ۋالىسى مىچائېللې جېئاندىن ئاساسىي قانۇن بۇيىچە، ھازىرقى پارلامېنتنى تارقىتىپ، ئومۇمى سايلامغا يول ئېچىشنى تەلەپ قىلغانىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
2008.09.15
Stephen-Harper-bush-xu-305ﻛﺎﻧﺎﺩﺍ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﺘﯧﭙﻬﯧﻦ ﻫﺎﺭﭘﯧﺮ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻪﺩﯨﻜﻰ 8 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯘﺵ ﯞﻩ ﺧﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
ھارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى 2006 – يىلى 1 – ئايدىكى ئومۇمى سايلامدا، ئۇزۇن يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان لىبېرال پارتىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. كانادا پارلامېنتىدىكى 308 ئورۇننى ئىگىلىگەن كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى، پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا مەجبۇر بولغانىدى.

بۇ قېتىمقى سايلامغا، كونسېرۋاتىپ پارتىيە،لىبېرال پارتىيە، يېڭى دېموكراتلار، يېشىللار پارتىيىسى شۇنداقلا كۇئېبەكنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۇئېبەك گۇرۇھى قاتارلىق 5 پارتىيە پارلامېنتتىكى 308 ئورۇننى تالىشىدۇ ۋە ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن پارتىيە ھاكىمىيەت تەشكىللەيدۇ.

ئەسلىدە كانادا پارلامېنتى، فېدېرال ئومۇمى سايلامنى 2009 – يىلى 10 – ئايدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

ستېپھېن ھارپېر خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان رەھبەر

ستېپھېن ھارپېر كانادادا مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە توختالغاندا، كانادا پارلامېنتىدىكى ھەددىدىن ئارتۇق پارچىلىنىش ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ھەر خىل توسالغۇلىرى تۈپەيلىدىن نۆۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ نورمال خىزمەت ئېلىپ بېرىشنىڭ قىيىنغا چۈشكەنلىكى ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا كۆپ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتتى. ستېپھېن ھارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى خىتايغا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ستېپھېن ھارپېر خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە خىتاينىڭ، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئاشكارا ۋە كەسكىن تەنقىد قىلىپ،بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كانادا پارلامېنتىدا كۆرۈشۈپ،ئۇيغۇرلارغا بولغان ھۆرمىتى ۋە قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەنىدى.

كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى

نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، كانادالىقلارنىڭ باشقا پارتىيىلەرگە قارىغاندا،ستېپھېن ھارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا بولۇپ،بۇنىڭ ئەكسىچە خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزىدىغان ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى لىبېرال پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتىدە چۈشۈش كۆرۈلمەكتە.

كانادالىقلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى دېگۈدەك، لىبېرال پارتىيىسى بىلەن يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىگە قارىغاندا،كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ئەڭ مۇۋاپىق پارتىيە دەپ قارايدۇ. لىبېرال پارتىيىسى ئەگەر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە مۇھىتنى ياخشىلايدىغانلىقى، تاپاۋەت بېجىنى توۋەن چۈشۈرىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن ئەڭ ياخشى ئىقتىسادى ۋە سىياسى مۇناسىۋەتنى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىش پۇرسىتى يارىتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلماقتا. يەنە بىر ئۆكتىچى پارتىيە بولغان، فرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان كۇئېبەك شىتاتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان «كۇئېبەك گۇرۇھى بولسا، پەقەت بۇ پارتىيىنىڭلا كۇئېبەكلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۆكتىچى پارتىيىلەر يەنە ستېپھېن ھارپېرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈش قارارىنىڭ ھارپېرنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، بەلكى كانادا قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

ستېپھېن ھارپېر ئۆزىگە ئىشىنىدۇ

كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بولسا، ستېپھېن ھارپېرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارىنىڭ ئاساسلىقى، نۆۋەتتە كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىمەكتە.

ستېپھېن ھارپېر كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇتۇپلا قالماستىن، بەلكى پارلامېنتتا كۆپ ئورۇننى ئىگىلەپ، كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرۇشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان ستاتىستىكا رەقەملىرىگە قارىغاندا، كانادا ئىقتىسادىدا بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە ياۋاشلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئىككىنچى پەسىلدىكى ئىقتىساد يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ،ئەمما 3 – پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغان ‏ – بولمايدىغانلىقى نائېنىق بولماقتا.ئىقتىسادتا چېكىنىش كۆرۈلگەن ۋاقىتتا ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈش كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ئەڭ يېڭى رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە كانادالىقلارنىڭ كونسېرۋاتىپ پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتى %38 بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى لىبېرال پارتىيىسىنى قوللاش نىسبىتىدىن %10 يۇقىرى. بۇ كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 37 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.