2008.09.12
تەيۋەننىڭ مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى 4 -، 10 – ۋە 12 – ئاۋغۇستتىكى ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي جاۋابكارى، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. نۇر بەكرى كادىرلار يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا رابىيە قادىر خانىمنى تۈرلۈك سىياسى خىتاپلار بىلەن ئەيىبلەپلا قالماي، شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان نۇرغۇن ئىبارىلەرنى قوللانغان.
خوڭكوڭدىكى «دا گوڭباۋ» گېزىتى جۈمە كۈنكى سانىدا نۇر بەكرىنىڭ نۇتۇقىنى خەۋەر قىلىپ، نۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى يازدى. لېكىن نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى ھۇجۇملىرىغا ئورۇن بېرىپ، نۇرنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنى » دۈشمەن كۈچلەر» دەپ تەنقىد قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.
رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا نۇر بەكرىنىڭ تەنقىدلىرىنى رەت قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ » سىياسىي ئەخلاقنىڭ ئەقەللى چەك – چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن سۆز – ھەرىكىتى، ئۇنىڭ ساپاسىنى نامايەن قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ » دەپ كۆرسەتتى.