خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى پەيشەنبە كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىلەرنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە كادىرلار يىغىنى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.11
يىغىندا، ۋاڭ لېچۈەن «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش» نى قايتا – قايتا تەكىتلىگەن بولسا، نۇر بەكرى » ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش، غەربلەشتۈرۈش ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇش كېرەك » لىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىلاتى شۇنىڭدەك نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمغا، تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ۋەكىلى دەپ بۆھتان چاپلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت نۇر بەكرى ۋە ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «نۇر بەكرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلغان سۆز ئىبارىلىرىدىن، ئۇنىڭ ئەقەللى بىر ئەخلاق قارىشىغىمۇ ئىگە ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرىيىتى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان مىللىي قەھرىمانىمىز رابىيە قادىر خانىمغا تەككۈزگەن ھاقارىتىدىن » مىللىي خائىن» دەپ ئاتىساق قىلچىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. نۇر بەكرىگە ئوخشاش مىللەت خائىنىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سالاھىيىتى يوق » دېدى.