2008.09.02

قانلىق باستۇرۇشلار توغرىسىدا ئەسلەتمە
مۇراجىئەتتە، 2008 – يىلى 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، خىتاي ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسەن، 17 – يانۋار پامىر تاغلىرىدا بەش ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، 18 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق ۋەقەسى، 27 – يانۋار ئۈرۈمچى بەخت يولى ئائىلىلىكلەر قوروسىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، 6 ئۇيغۇرنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقى ۋە 15 ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق ۋەقەسى، 23 – 24 – مارت كۈنلىرى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشىدا، 700 نەپەر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىق ۋەقەسى، 8 – ئىيۇل كۈنى، ئۈرۈمچىدە دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 5 كىشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، 8 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋەقەسى ۋە 9 – ئىيۇل كۈنى قەشقەردە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، ئابدۇۋېلى ئىمىن، مۇختەر سېتىۋالدى قاتارلىق بەش ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىك ۋەقەلىرى تەپسىلىي خاتىرىلىتىلگەن.
زورلۇق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى
مۇراجىئەتتە بۇ ھەقتە ئەينەن ھالدا: «خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرىقى قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بارغاندا، ھېچقانداق بىر قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغىنى يوق. خىتاي دۆلىتى نە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىنى، نە ب د ت نىڭ پرىنسىپلىرىنى، نە ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ۋە نە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ تەلەپ – ئىستەكلىرىنى پەرۋايىغا ئىلماي، دۇنيانىڭ كۆزىچىلا شەرقىي تۈركىستاندا ئۈزلۈكسىز قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى» دېيىلگەن. مەزكۇر مۇراجىئەتتە يەنە، 4 – ئاۋغۇستتىن 30 – ئاۋغۇستقا قەدەر ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن خىتاي ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ساقچى – ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش ۋەقەلىرىگىمۇ ئىزاھات بېرىلگەن بولۇپ، بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى تېنچلىق ۋاستىلىرىگە تايىنىپ ئىپادە قىلىش ئەركىنلىكى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق شەكىلدىكى نارازىلىقلىرى بىردەك ھالدا » تېررورلۇق» كاتىگورىيىسىگە ئەكىرىلىپ باستۇرۇلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر ھەقسىزلىكلەرگە، باستۇرۇشلارغا، ھاقارەتلەرگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ ۋە ھەتتا گۇناھسىز ھالدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن، چارىسىزلىقتىن بىز ئۈمىد قىلمىغان بەزى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا.»
باستۇرۇش داۋاملاشسا، ۋەقە زورىيىدۇ
مەزكۇر مۇراجىئەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، قىساس ئېلىش خاراكتېرلىك باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى، ھازىرغا قەدەر قەشقەر، كۇچا قاتارلىق رايونلاردا نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۆيمۇ – ئۆي ئاختۇرۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇ خىل زوراۋانلىق داۋام قىلغان تەقدىردە، ئۇيغۇر – خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ زور قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقى ۋە د ئۇ ق نىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بىر – قانچە قېتىملىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى باھانە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئومۇميۈزلۈك ئۆچ ئېلىشقا، قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىدىن ۋە ھەتتا ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغانلىقىدىن قايغۇرماقتىمىز. ۋەزىيەتنىڭ بۇ خىل رەۋىشتە تەرەققى قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىن قىلىنمىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا، كونترول قىلىش قېيىن بولغان ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلىشىغا ۋە ھەتتا ھەر ئىككى تەرەپتىن قان تۆكۈلۈشتەك ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. مەۋجۇت ۋەزىيەتتىن بىز ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتىمىز.»
دۇنيا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى كېرەك
مۇراجىئەتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت زىددىيەتنى تېنچلىق يوللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكىم قورال كۈچىگە تايىنىپ باستۇرۇش يولى بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى ۋە بۇ زوراۋانلىققا قارىتا خەلقئارا جامائەتنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۈنۈم بېرىدىغان تەدبىرلەر بىلەن بېسىم قوللانمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى، ئىنتىقام ئېلىش ھېسسىياتىنى، غەزەپ – نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.»
مۇراجىئەتنىڭ ئاخىرىدا، دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ب د ت ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەتكە جىددىي مۇئامىلە قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىق، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر بىلەن چەكلەش تەلەپ قىلىنغان.