دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت تەمىنلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەينەكلىك رامكىغا ئېلىنغان پورترېتى، ئاتۇش شەھىرى كوچىلىرىدا پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتۇش شەھىرىدىكى دۇكان ‏ – رەستىلەردە جىددىي ئاختۇرۇش ھەرىكىتى باشلىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.17
 بۇ نۆۋەت ئاتۇشتا باشلانغان ئاختۇرۇشقا، ئاتۇش شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، بىرلىك سەپ، قوراللىق ساقچى قىسىم، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار قول تىققان بولۇپ، بۇندىن مەقسەت ئۇيغۇر ئېڭىغا بۆلگۈنچىلىك ئىدېئولوگىيىسى سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇشتا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇچ پارچە رەسىمى بايقالغان بولۇپ، رەسىم ئاستىغا » داڭلىق شەخس: رابىيە خانىم پورترېتى » دەپ يېزىلغان ھەمدە رامكىلانغان ئىكەن.

دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاختۇرۇش ئاساسەن ئاتۇش شەھىرىگە جايلاشقان، كىيىم تىكىش دۇكىنى، چىشخانا، مىلىچ ماللار دۇكىنى، توپ – پارچە سېتىش ئورۇنلىرى، ئاشخانا ۋە ساتىراشخانىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ھازىرچە ئاساسلىقى تەكشۈرۈلىدىغان رەسىملەر، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرىتى، ئاي، كۆك بۆرە رەسىمى ۋە قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان كىچىك قىزنىڭ سۈرىتى قاتارلىقلار ئىكەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرىتىنىڭ ئاتۇش كوچىلىرىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى ھەققىدە توختالغان دىلشات رىشىت: » گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، رابىيە خانىمنىڭ دۇشمەن كۈچلەرنىڭ كاتتىۋېشى دەپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلق رابىيە خانىمنى ھەققى يېتەكچىسى دەپ قوبۇل قىلغان» دەيدۇ.

دىلشات رىشىت كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۈرىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مەيدانغا چىقىشى، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.