ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتىگە ئائىت تەكلىپ سۇندى. خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، جورج بۇشنىڭ زىيارەت جەرياندا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى جىددىي بىر شەكىلدە سۆھبەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى تەلەپ قىلىندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.15
باياناتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىسمىدا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى دەرھال توختىتىش كېرەكلىكى بايان قىلىنىپ، جور بۇشنىڭ ئولىمپىك زىيارىتى جەريانىدا بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي رەھبەرلىرى بولىدىغان سۆھبەت تېمىسىغا كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى. مەزكۇر كومىتېت بۇ باياناتىدا يەنە تىبەتتە راھىبلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ توختىتىلىشى، 14 – مارت لاسا ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى، دالاي لاما بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىۋاستە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جورج بۇشنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە كۈچ چىقىرىشى تەلەپ قىلىندى.
مەزكۇر كومىتېت يەنە، جورج بۇشنىڭ خىتاي زىيارىتى داۋامىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى يالغۇز دۆلەت رەھبەرلىرىگىلا ئەمەس، خىتاي خەلقىغىمۇ ئىپادىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.