13 – ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان مەزكۇر نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەمدە باشقا يېقىن شىتاتلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.07.13
مەزكۇر نامايىش 8 – ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە بەش نەپەر بىگۇناھ ياشنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىپ ئۆلتۈرۈپ، ئىككىسىنى يارىدار قىلغانلىقى ھەمدە سەككىز ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى شۇنىڭدەك 9 – ئىيۇل كۈنى قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسىدە 20 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىپ، 5 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، 15 نەپىرىگە تۈرمە جازاسى بەرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشچىلار يەنە كوچا ئايلىنىپ , شۇئارلار توۋلاپ نامايىش قىلغان.
2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ ئېچىلىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنداق قاتتىق قول چارىلارنى قوللىنىشى، بىگۇناھ ئادەملەرنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە تاشلىشى ھەتتا ئولتۇرۇشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نامايىشتا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي دائىرلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن