2008‏ – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە، بەش ئۇيغۇر ياشنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى جاھاتقا تەييارلانغان دېگەن گۇمان بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بولۇپمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 7‏ – ئاينىڭ 9‏ – كۈنى قەشقەر نىڭ يېڭى شەھەر ناھىيىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىپ 17‏ – ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، 2 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ۋە 3 ئۇيغۇرنى ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.07.12
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى بولۇپمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەشقەردە 17 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ۋە ئۈچ ئۇيغۇرنى 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ قالغان 12 كىشىنى 10 يىلىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئەڭ مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنغان خەلقئارا مەتبۇئات، بۇ مەسىلە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قاراتقان ئىنكاسىغا ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
رويتېرىس ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، » پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئەر – ئايال ۋە ھەتتا كىچىك بالىلار، خىتاي ۋەھشى بېسىمى ۋە دۆلت تېررورى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ» دېگەن باياناتىنى نەقىل كەلتۈرگەن.

ئىسلام ئونلاين قاتارلىق ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مەتبۇئات ۋە تور بەتلەر بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقە ۋە قەشقەردىكى ئوچۇق سوت توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان مۇئامىلىسى ئەيىبلەنمەكتە، دېگەنگە ئوخشاش باش ماۋزۇلار ئىشلەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە سەۋەبىدىن خىتايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىگە شۇنىڭدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ باياناتلىرىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.