خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 8 ‏ – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە 5 نەپەر ئۇيغۇرنى » تاڭ نۇرى ئائىلىلىكلەر قوروسى» دىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ ئېتىپ تاشلىغانلىقى، 9 ‏ – ئىيۇل كۈنى قەشقەردە ئوچۇق سوت ئېچىپ 2 ئۇيغۇر ياشنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىغانلىق قىلمىشلىرى، مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.10
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 9″ ‏ – ئىيۇل پاجىئەسى ھەققىدە مەخسۇس چاقىرىقنامە» ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا دۇنيا جامائەت پىكىرى ۋە خەلقئارا قانۇنغا قىلچە پىسەنت قىلماي، ئۇيغۇر مىللىتىگىلا ئەمەس، بەلكى ئولىمپىك روھىغا، خەلقئارا قانۇنغا، كىشىلىك ھوقۇققا جەڭ ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى ھەرىكىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەي تۇرۇپ، ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى، شۇنىڭدەك مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەدەنىيەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان بۇ گۇناھسىز 5 ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن د ئۇ ق ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى، 12 ‏ – ئىيۇل كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە نارازىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي باستۇرمىچىلىق سىياسىتىنى قەتئىي توختىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.