خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گېرمانىيە بۆلۈمىنىڭ 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق ئىپادە قىلىنغان: «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر زاتلىرىدىن رابىيە قادىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە قارشى تۇرۇش نامىدا قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قولغا ئالدى. بەزىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى. خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى تېخىمۇ قەبىھلىشىپ كەتتى. خىتاي دائىرىلىرى بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئولىمپىكتىن ئىلگىرى يۈز بەرگۈسى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنماقتا».
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.07

 چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرلارنى چۈشەنمەيدۇ

يالغۇز گېرمانىيىنىڭ ئۆزىدىلا 3مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ئەزاسى بولغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بۇ باياناتىدا، يەنە د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۆۋەندىكى سۆزى نەقىل قىلىنغان: «تاشقى دۇنيادىكىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس، چۈنكى، بىتەرەپ ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشى ئىنتايىن قېيىن. بىر يىل ئىلگىرى خىتاي تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر قانۇن بەلگىلىمىسىدە، ئەگەر ئۇيغۇرلار چەت`ئەللىكلەرگە ئۇچۇر ئاشكارىلاپ قويسا، 3 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. تېخى يېرىم يىل ئىلگىرىلا، شەرقىي تۈركىستانغا كىرگەن بىر نەچچە نەپەر گوللاندىيە مۇخبىرى قولغا ئېلىنىپ، بارلىق نەرسىلىرى مۇسادىرە قىلىنغاندىن كېيىن، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى. چەت`ئەللىكلەر قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ھىچ چۈشەنمەيدۇ. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خادىمى نوۋاك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستانغا بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ خىتاي چېگرىسىدىن كىرەلەيدىغان – كىرەلمەيدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس».

غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى گېرمانىيە شۆبىسىنىڭ باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ساھەلەردىكى ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئەتراپلىق ئىزاھلانغان.

2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ نەزىرى تىبەت مەسىلىسىدىن باشقا، يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگىمۇ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاغدۇرۇلدى. بولۇپمۇ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەر قاچانقىغا قارىغاندا ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن گېرمانىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تۈرلۈك دوكلاتلىرى ۋە باياناتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت تېمىلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ كەلمەكتە.

خىتايغا قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىش كېرەك

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 5 – ئىيۇل ئېلان قىلغان «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تەكىتلىدى» ناملىق خەۋىرىدە نەقىل قىلىنىشىچە، مەزكۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن قانۇن پروفېسسورى رادېن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ قانۇن ماددىلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە مۇكەممەل. خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتاينىڭ مەۋجۇد قانۇنىغىمۇ تۈپتىن خىلاپ. لېكىن مەسىلە، خىتاي قانۇنىنىڭ ئىجراسىنىڭ ئەمەلىلەشمەسلىكىدە. ئەگەر خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلمەكچى بولىدىكەن، ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بېسىمنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دىئالوگ ئۈچۈنمۇ بىر قانال قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.»

خىتاي ئۆز ئۆزىگە ھاقارەت قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «غەربتىكى بىر قىسىم خىتايغا قارشى كۈچلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقتا» دەيدىغان نۇقتىئى نەزىرىگە قارىتا، قانۇن پروفېسسورى رادېن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىز خىتايلارغا قەتئى رەۋىشتە شۇنى بىلدۈرۈپ قويۇشىمىز كېرەككى، بىز ھەقىقەتەنمۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇۋاتىمىز، ھېچقانداق سىياسىي ھىيلە – مىكىر ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس. خىتاينى پارچىلىماقچىمۇ ئەمەسمىز. مەن شەخسەن مۇكەممەل بىر خىتاي مەستانىسى. خىتاينىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن يېتەرلىك ھۆرمىتىم بار. مەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلماسلىقى ئۆز دۆلىتى ۋە مەدەنىيىتىگە قىلىنغان ھاقارەت، دەپ قارايمەن».

خىتاي قانۇنىنىڭ چىرىكلىكى

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىدىن باشقا، يەنە قانۇن – تۈزۈم ئىدىيىسىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، غەرب ھۆكۈمەت ۋە خەلقلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن تونۇشىغا ئايلانماقتا. خىتايدا مۇكەممەل قانۇنلارنى تۇرغۇزۇشقا قادىر زاتلار بولسىمۇ، لېكىن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان خەلقنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكى كۆپ تەكرارلانماقتا.

لوندون گېزىتىنىڭ 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتايدىكى قانۇننىڭ چىرىكلىكى يەنە بىر قېتىم كەسكىن تەنقىدلەنگەن. بۇ تەنقىدكە سەۋەپ بولغان ئامىللارنىڭ بىرى، خىتايدىكى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكى بولغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شەھۋانىيلىققا قارشى مەملىكەت خاراكتېرلىك ئومۇمى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 528 ئادەمنى قولغا ئالغان. 170 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. قانچە يۈزلىگەن ئۆي ۋە پاھىشىخانىلارنى تەكشۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈش ئەنگلىيىدىن باشقا، شىمالىي ئىرلاندىيە ھەم شوتلاندىيىلەردىمۇ ئىجرا قىلىنغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئىچكى سىياسەت ئورگىنىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار ئىكەن. بۇ خىتاي قىزلىرىنىڭ كىچىكى 14 ياشتا بولۇپ، بەزىلىرى ھەتتا كۈنىگە 40 قېتىم خېرىدار كۈتۈشكە مەجبۇرلانغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ پاجىئەلەرگە خىتايدىكى قانۇننىڭ چىرىكلىكىنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، خىتايدا دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولىشى، ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرى قانۇن – تۈزۈم مۇكەممەللەشكەن بولۇشى كېرەك. ئاندىن خىتايدىكى دېموكراتىيىدىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ، دەپ قاراشماقتا.