ئاۋسترالىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىغا قاتناشقان ئاۋستىرالىيىلىك مۇخبىر ۋە پائالىيەتچىلەر خىتايدا تىبەت مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تىبەتلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.04
7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئاۋستىرالىيە SBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ نەزەر پروگراممىسىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتكە ھەر قايسى ساھەلەردىكى كەسپىي خادىملار، سىياسىيونلار، جامائەت ئەرباپلىرى، تەنھەرىكەتچىلەر، تىبەتلىكلەر ۋە خىتايلار قاتناشقان ئىدى.
سۆھبەتكە قاتناشقان ئاۋستىرالىيە ABC رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى تراسېي خومېس ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى سوفېي پېئېر خانىملار خىتايدا پەقەت تىبەت مەسىلىسىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تىبەتلىكلەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى سوفېي پېئېر پروگراممىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس شارپىسىنى تاقىۋالغان بولۇپ، بۇ شارپا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغىسى ئىدى. بۇ ئىككى خانىم يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالدا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار، شەخسلەر ۋە مەتبۇئاتلار ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تىلىنىڭ تەھلىكە ئاستىدا قېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار كۆپەيمەكتە.