ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ 2 ‏ – قېتىملىق سايلىمى، 6 ‏ – ئاينىڭ ئاخىرى ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.07.01
 ئىستانسىمىزنىڭ 1 ‏ – ئىيۇل ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، سايلامدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شۇنىڭدەك قۇرۇلتاينىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى سۈز قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق ھەققىدە يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا مەلۇمات بەرگەن، شۇنداقلا، ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ۋە نەتىجىلىرىنى يەكۈنلىدى.
2005 ‏ – يىلى 12 نەپەر كىشىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۈر جەمئىيەت، ھازىر مۇنتىزىم بىر تەشكىلات سۈپىتىدە ئۇيغۇر داۋاسى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر تەشكىلات بولۇپ شەكىللەنگەن بولۇپ، سايلامدا ئامما دېموكراتىك ئاساستا كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئارىسىدىن مەخپىي ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى.

سايلامدىن كېيىن، رەئىس ۋە ھەيئەت ئەزالىرى، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئاۋسترالىيىدە تېخىمۇ روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.