ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.25
2008.06.25
2008 – ﻳﯩﻠﻰ 20 – ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
بۇ يىغىنغا ۋېنگرىيە، رۇمىنىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە چەك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ياۋرۇپا پارلامېنتتىدىكى ۋەكىللىرى قاتناشقان. كېيىن ياۋروپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ نامايىشقا ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، ياۋروپادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان. بۇ ھەقتە نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ ئۇلار بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق. بۇ نامايىشتا نۇقتىلىق ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا قىلغان بېسىمى ئاڭلىتىلغان.