مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.21
2008.06.21
سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11 – سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ بوغۇش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئەمدى ئولىمپىك سەۋەبىدىن خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتى خىتايغا بۇرالغان بىر مەزگىلدە، تۈرلۈك تېررورلۇق ھېكايىلىرى توقۇپ چىقىپ خەلقئارا جامائەتنىڭ كاللىسىدا تېررورچى ئۇيغۇر ئوبرازى يارىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ دېدى. ئۇ شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى باھانە قىلىپ، يولغا قويغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئۈستى ئوچۇق بىر تۈرمىگە ئايلاندۇردى دەپ، كۆرسەتتى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىككە قارشى ۋە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇملار ئىلىپ بېرىشنى پىلانلىغان دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغان 65 نەپەر ئۇيغۇرنى سوتلاشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئاز دېگەندە 20 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققانلىقىنى ئەسكەرتكەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جامائەتنى، ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.