6‏ – ئاينىڭ 21‏ – كۈنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قاراتقان 6 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، شەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلغان رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇرلارنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن بولۇپمۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار نىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي، مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يەنە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بولۇپمۇ گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلسىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياۋرۇپا خەلقلىرىگە ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى، ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈشكە چاقىرغان.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، يىغىندا سۈز قىلغان گېرمانىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

گېرمانىيە مەتبۇئاتى، شەرقىي تۈركىستان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، يىغىنغا نۇرغۇنلىغان رادىئو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشقان.