مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.21
2008.06.21
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 25 – ئىيۇن كۈنى ياۋروپادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى ئورۇنلاشقان بىلگىيىنىڭ پايتەختى بىريۇكسىل شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىكەن. شۇ كۈنى يەنە نورۋىگىيە ۋە شىۋىتسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ خىتايغا قارشى نارازلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدا باشلايدىغان مەزكۇر نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتنىشىدىكەن.
26 – ئىيۇن كۈنى بولسا، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىكەن.