2008.06.19
«بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىگە قاراتقان سەلبىي مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسى»
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، ئامېرىكا خىتاي ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى جەففرېي فىئېدلېر (Jeffrey Fiedler)، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئولىمپىكتىن بۇرۇن ئاخباراتنى قويۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىككە بىر نەچچە كۈن قالغاندىمۇ بۇ ھەقتىكى ۋەدىسىنى ئاقلىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتاينىڭ تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىگە قارىتا ئىپادىلىگەن ئەيىبلەشلىرىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ غەزەپلىك ۋە ئۆزىنى ئاقلاش خاراكتېرلىك خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئاشكارا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەلقىگە قاراتقان سەلبىي مىللەتچىلىك تەشۋىقاتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىستېمىلىق خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ»
يىغىندا خىتايدىكى بوغۇلۇۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەنلەر ئىچىدە ئامېرىكا ئاخبارات تەتقىقات ۋە ئانالىز مەركىزىدىكى( Center for Intelligence and Analysis) ئالىي تەتقىقاتچى سۇسەن م پۇسكا(Susan M. Puska)، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە باش مۇھەررىرى دەن سوزېرلەند(Dan Southerland) قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە خىتاينىڭ بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان چەكلەش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق توختالغان كىشىلەر بولۇپ، پۇسكا خانىم خىتاينىڭ مەزكۇر رايونلاردا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇ رايونلاردا بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پۇسكا خانىم: «قەشقەر ھازىر خىتاي شەھىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ»
سۇسەن پۇسكا خانىم خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدە خەۋەر بېرىشنىڭ ئاخبارات ساھەسى ئۈچۈن بىر ياخشى تېما ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىلى رايونىنى 1989 – يىلى ۋە 2003 – يىلى زىيارەت قىلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن خىتايلاشتۇرۇش ئالامەتلىرىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇنىڭدىن مىسالى سۈپىتىدە، قەشقەر شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان خىتايلاشتۇرۇش ئالامەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: قەشقەر ئىلگىرى بىر تىپىك ئۇيغۇر شەھىرى ئىدى، ھازىر ئۇ خىتاي شەھىرىگە ئايلاندۇرۇلۇپتۇ. خىتايلار يەنە پۈتۈن تارىم ئويمانلىقى رايونلىرىدا خىتايلاشتۇرۇش ۋە خىتاي ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشىۋېتىپتۇ».
پۇسكا خانىم:» ئۇ بىز ئويلىغاندەك كۈچلۈك پارتىيىمۇ ئەمەس»
پۇسكا خانىم يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاخبارات كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىقى سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ كوممۇنىست پارتىيىسى بىر بىخەتەر بولمىغان پارتىيە بولۇپ، ئۇ بىز ئويلىغاندەك كۈچلۈك پارتىيىمۇ ئەمەس،» دېدى ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايغا يېتەكچى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن بىر پارتىيىنىڭ بىر ھاكىمىيەتنى سورىشىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ دائىم بۇ پارتىيە چوقۇم غۇلاپ چۈشىدۇ دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پارتىيىنىڭ قاچان غۇلايدىغانلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.
دەن سوزېرلەند:»ئۇيغۇرلارنىڭ رابىيە قادىردەك كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بار»
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىگە ئاز بارىدىغانلىقىدەك خاھىشلار بار – يوقلۇقى ھەققىدە سوئال قويۇلدى.
يىغىندا گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن دەن سوزەرلەند بۇ ھەقتىكى قاراشلار ھەققىدە توختالدى ۋە ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەرگە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى كىرگۈزۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تەشكىللەپ ۋە تاللاپ باشلاپ كىرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە ئۆز ئالدىغا كىرىپ خەۋەر ئىگىلىمەكچى بولغان مۇخبىرلارنىڭ ئارقىسىغا دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقراچە كىيىنگەن مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ ئەگىشىۋالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە قارىغاندا قىزىقىشى سەل تۆۋەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىكى ئاساسى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ دالاي لاماسى يوق» دېدى ۋە شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رابىيە قادىر ئىسىملىك بىر ئىرادىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە مۇنداق دېدى: » ئەمما ئۇلارنىڭ رابىيە قادىردەك بەك كۈچلۈك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بار. رابىيە قادىر چىققاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بەردى »
ئۇ يەنە، غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ دائىم خاتالىقلار سادىر بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ بىئارام بولىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
پېرري لىنك: «خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسى غايىسىنى ئەلەمگە ئاشۇرۇش»
يىغىندا يەنە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشتۇرغان پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ پروفېسسورى دوكتۇر پېرري لىنك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى ئاتالغۇسىنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسى غايىسىنى ئەلەمگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىغىندا خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئوكلاخوما ئۇنىۋېرسىتېتى ھارول ج نيۇ مەن تەتقىقات ئورنىدىكى پەتەر گرىئېس، چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ خادىمى لۇسي مورىلون، بېرېكلي ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىنتېرنېت قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى شياۋ چياڭ ۋە كانادادىكى تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتى، «پۇقرا» تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى رون دېئىبېر قاتارلىقلار گۇۋاھلىقتىن ئۆتتى.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى 18 – ئىيۇن ئەتىگەن سائەت 8: 45 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 4:45 تە ئاياغلاشتى.