2008.06.16
رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇ قېتىمقى كانادا زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن تېخىمۇ ياخشى تونۇلۇشىغا ھەسسە قوشقانلىقىنى شۇنىڭدەك ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىڭ ھەم كانادا ھۆكۈمىتى ھەم كانادا خەلقى ئالدىدا قايتىدىن كۆتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، » بۇ قېتىمقى كانادا زىيارىتىم ناھايىتى غەلىبىلىك ئۆتتى» دېدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى كانادا زىيارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئېيتىشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك نەتىجىلەر بىلەن ئاياغلاشقان.