كانادادىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، جۈمە كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋە تىلىنى يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ،» دېدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.06.14
يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11‏ – سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى بۇرۇن يولغا قويۇشنى جاسارەت قىلالمىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئونۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلىگەنلىكىنى ۋە بۇ چەكلىمىنى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە كېڭەيتىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر خانىم، خىتاي دائىرىلىرى ئولىمپىك سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنيا نىڭ دىققىتى خىتايغا بۇرالغان بىر مەزگىلدە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈرلۈك تېررورلۇق ھېكايىلىرى توقۇپ چىقىش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتنىڭ كاللىسىدا، تېررورچى ئۇيغۇر ئوبرازى يارىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپ، كۆرسەتتى.

سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىل مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان رابىيە قادىر خانىم، كانادا ھۆكۈمىتىدىن، ھۆسەيىن جېلىلنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كۆپ بېسىمى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن پايدىلىنىشقا چاقىردى.