2008.06.09
ئۇ » بىزنىڭ زىيارىتىمىزدىن كېيىن خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسىدە بىر ياخشىلىنىش بولمىدى، ۋەزىيەت تېخىمۇ ناچارلاشتى» دېدى. مانفىرىدە نوۋاك 2005 – يىلى خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا، ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مەركىزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، سۆھبەتلەشكەن ئىدى.
بۇ ئۇچرىشىشتا، رابىيە قادىر خانىم نوۋاكغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا قاراتقان مۇئامىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. مانفىرىد نوۋاك بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا، ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىدىكى تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىپ، 2002 – يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇھەممەت توختى مەتروزى ۋە ياۋا كەپتەرنىڭ يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىق ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار بىلەن كۆرۈشكەن.
يىغىندا ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھەممەت توختىنى، سىز بىلەن ئۇچراشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئىغىرلاشقانلىقىدىن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى يالغۇز ھۇجرىغا قاماپ، يېڭى چەكلىمىلەر قويغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز بارمۇ؟ دېگەن سوئالىغا » ياق مېنىڭ ئۇنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىدىن خەۋىرىم يوق. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۇنىڭغا ھېچقانداق زىيانكەشلىك قىلماسلىقى كېرەك ئىدى. بۇ مەسىلىنى چوقۇم تەكشۈرىمىز،» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا، گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلار مەسىلسىى ئۈستىدىمۇ توختالغان دوكتور مانفىرىد نوۋاك، گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلار ئىچىدە مەسىلىسىنى ئەڭ تېز بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك گۇرۇپپىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
يىغىندىكى دوكلاتىدا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقىدا بىر نەچچە ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مانفرىد نوۋاك مۇنداق دېدى: «بىرىنچىدىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن بىز ئالىمىز، باشقىلار نېمىشقا ئالمايدۇ» دېيشمەكتە. ئىككىنچىدىن، بەزى دۆلەتلەر بىز باشتا ئامېرىكىغا بۇ ئىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتتۇق. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلىمىدى. ئەمدى بۇ مەسىلىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك دېيشمەكتە. يەنە بەزى دۆلەتلەر بولسا، ئامېرىكىنىڭ 7 يىلدىن بېرى گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنى دۇنياغا » رەزىللەرنىڭ رەزىلى» دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئەمدى باشقا دۆلەتلەرگە بۇلارنى قوبۇل قىلىڭلار دېيىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئۆزى ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشى كېرەك.»
سۆزىدە يەنە، چوڭ بىر ئۇيغۇر جامائىتى مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بىر دۆلەت، دەپ كۆرسەتكەن مانفىرىد نوۋاك، دەرۋەقە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولغان لېكىن، گېرمانىيە باش مىنستىرى مېركېلنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، خىتاي گېرمانىيە مۇناسىۋەتلىرىدە پەيدا بولغان كرىزىس، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسىدە ئارقىغا چېكىنىشىگە سەۋەب بولدى، دېدى.
سۆزىدە، گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قەتئىي قايتۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مانفىرىد نوۋاك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق توغرىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى پۈتۈنلەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.