مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.06.06

 

 4 – ئىيۇننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم سۆز قىلدى

4 – ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 1989 – يىلى، 4 – ئىيۇن كۈنىدىكى تىئەنئەمېن ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار سۆزگە چىققاندا كىشىلىك ھوقۇقلىرى ھەر تەرەپتىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ يېنىدىكى باغچىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى.

بۇ كۈنى يەنە بوستون شەھىرىدىن پىيادە يول يۈرۈپ، ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن خىتاي دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ياڭجىئەنلى قاتارلىقلارمۇ قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ياڭجىئەنلى 800 كىلومېترلىق مۇساپىنى پىيادە بېسىش ئارقىلىق 4 – ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى خاتىرىلىگەن.700 دىن ئارتۇق نامايىشچىلار قوشۇنى مەيداندىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم، پالاتا ئەزاسى سام بروۋنباك، كىرستوفېر سىمىت ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كارل گېرشمان قاتارلىقلار سۆز قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى.

نەنسىي پېلوسى خانىم سۆزىدە خىتايدا دېموكراتىيە ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقان شەخسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئۆتۈپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىككى ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم بىلەن ئالىم ئابدۇرېھىملارنى تىلغا ئالدى ۋە رابىيە قادىر خانىمغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۈەنتانامودىكى مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

4 – ئىيۇن، يەنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكى مەسىلىسى بويىچە بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دېموكراتچى بىل دېلاھەنت ۋە جۇمھۇرىيەتچى دانا روراباخەر ئەپەندىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن تۈرمىدە ئۇچرىغان ئەھۋاللار ‏ – ئازابلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇلارغا تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەجلىس ئەزاسى دانا روراباخەر ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى كۈلكىلىك دەپ تەنقىد قىلدى ۋە گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ھەم ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا تەرەپ ھازىرغىچە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنى دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتكەن ئىدى.

ئامېرىكا ئادەم ئەتكەسچىلىك دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالدى

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ 2007 ‏ – يىلقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى بۇ يىلمۇ ئادەم ئەتكەسچىلىكىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

دوكلاتتا خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىكىنى چەكلەش ئىشلىرىدا ياخشىلىنىشلار بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا قىزلار ۋە بالىلارنىڭ ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىگە ئېلىپ كېتىلىپ مەجبۇرى ئىشقا سېلىنىشى قاتارلىقلار مەسىلىلەرمۇ سۆزلەنگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، باش ئەلچى مارك لاگون چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك دەلىللەر بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى رادىئوسىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئۆتكەن ھەپتىدە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك رادىئو ئاڭلىتىش ئىدارىسىنىڭ قارمىغىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى بىرلىكتە قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش باشلانغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىش 1958 – يىلى باشلانغان بولۇپ، 50 يىل ئىچىدە زور مۇساپىلارنى باشتىن كەچۈردى. ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋاقتىنىڭ ئەڭ كۆپەيگەن دەۋرى سوۋېت – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلغان دەۋرى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئاڭلىتىش ۋاقتى ۋە مەزمۇنلىرى كۆپەيتىلگەن. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋاقتى پەيدىن – پەي قىسقارتىلغان. دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش 1947 – يىلى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستاندىن باشلانغان ئىدى.

نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستان،قىرغىزىستان، قازاقىستانلاردا ناھايىتى ئاز ۋاقىت ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاڭلىتىشلار ساقلىنىپ قالغان.

باراك ئوباما پرېزىدېنت نامزاتى بولدى

ئامېرىكا دېموكراتچىلار پرېزىدېنت نامزات سايلىمى ئۆتكەن ھەپتە چارشەنبە كۈنى ئاخشام ئاخىرلاشتى. سايلامدا باراك ھۈسەيىن ئوباما غەلىبە قىلدى. ئوباما غالىبىيەت نۇتقىدا، رەقىبى ھىللارىي كلىنتوننىڭ سايلام جەريانىدا كۆرسەتكەن ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقىدى. ھىللارىي كىلىنتونمۇ باراك ئوبامانىڭ پەۋقۇلئاددە ئۈستۈن تەشكىللەش ئىقتىدارىنى تەبرىكلىدى.

باراك ئوباما بىلەن ھىللارىي كلىنتوننىڭ سايلام رىقابىتى بىر قانچە ئايلاردىن بۇيان داۋاملاشقان بولۇپ، ئاخىرى ئوبامانىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. نۆۋەتتە، ئوباما جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جون ماككېين بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق ئورنى ئۈچۈن سايلامغا چۈشىدۇ. ھەل قىلغۇچ سايلام 11 – ئايدا بولىدۇ.

تۈركىيە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىق بارغانسېرى زورايماقتا

تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ تىجارىي مۇناسىۋىتى 1980 – يىللاردىن كېيىن كۈنسايىن كۈچىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 2007 – يىلىغا كەلگەندە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي سومما 14 مىليارد دوللارغا يەتكەن.

بىراق، بۇ سودىنىڭ 13 مىلياردىنى خىتاي، بىر مىلياردىنى تۈركىيە قىلغانلىقىدەك تەڭپۇڭسىزلىق تۈپەيلىدىن تۈركىيە تەرەپ بىئاراملىق ھېس قىلغان.