خىتاي لوپنور رايونىدا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

شەرقىي تۈركىستاندىكى لوپنور رايونى خىتاينىڭ ئاساسلىق يادرو سىناق رايونى. شەرقىي تۈركىستاندا 1964-1997-يىللار ئارىلىقىدا ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا جەمئىي 46 قېتىم يادرو تەجرىبىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭ 11 سى يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان.  رەسمىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ھېچقانداق قوغداش تەدبىر قوللانماي ئېلىپ بېرىلغان  بۇ سىناقلار نەتىجىسىدە 210،000 ئادەم قازا قىلغان. رادىئوئاكتىپلىق تارقىتىش نەتىجىسىدە مۇھىت بۇلغانغان ، تەبىئەت ۋە مەھسۇلاتلار ۋەيران بولغان . ھەر خىل كېسەللەر ، بولۇپمۇ راك كېسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بالىلار تۇغۇلىشىدىنلا مېيىپ ياكى ئۆلۈك تۇغۇلغان.  بۇ بومبىلارنىڭ تەسىر دائىرىسى 1 كىلو توننىدىن 4 مېگا توننىغىچە بولغان.

يادرو تەھدىتىگە قارىغاندا ، 1976-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ، خىتاي تاشلىغان ئەڭ چوڭ بومبا 4 مېگا توننا. 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاينىڭ يەر ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ يادرو سىنىقى سىناقلىرىنىڭ بىرى 660 كىلو. بۇ زەھەرلىك رايوندا ھازىر تەخمىنەن 20 مىليون ئادەم ياشىشى مۇمكىن. لوپنور رايونىغا تاشلانغان بۇ بومبىلارنىڭ كۆپىنچىسى خىروشىماغا تاشلانغان بومبىدىن 300 ھەسسە يۇقىرى بولغان.

1996-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى  خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم يادرو بومبىسى سىناق قىلىش جەريانىدا ،  ئۇ بۇ يادرو بومبا ھۇجۇمىنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن لوپنور رايونىدا ياشايدىغان لوپنورلۇقلارنىڭ نوپۇسى  خىتايلار ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىدىن كېين  كۆرۈنەرلىك ئازايغان. بۇ رايوننىڭ سىرتىغا ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن سۈنئىي لوپنور كۆلى ياسالغان.

يادرو سىناق نەتىجىسىدە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ھاياتىدىن ئايرىلغان. يادرو سىنىقى نەتىجىسىدە تارقىتىلغان رادىئوئاكتىپلىق يىمىرىلىش سەۋەبىدىن ، رايوندىكى كىشىلەر نۇرغۇن ئەجەللىك كېسەللىكلەرگە ، بولۇپمۇ راك كىسەللىرىگە گىرىپتار بولغان.  مۇھىت ۋە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ جىنايەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورقۇپ بۇ رايونغا ھېچقانداق تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويمىغان. شۇڭلاشقا ، بۇ ھەقتە  يېتەرلىك ھۆججەت ، رەسىم ياكى سىن يوق بولۇپ كەلمەكتە.

 

مەنبە: bilimdili تورى