2008.05.15
«ئەگەر دۇنيا تىبەتلىكلەرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تۈگەپ كېتىشىنى خالىمىسا»
دالاي لامانىڭ گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى تەسىرىنىڭ پەۋقۇلاددە كۈچلۈكلىكىنى تىلغا ئالغان بونن ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى شىڭ خۈئوۋۇ، 14 – ماي كۈنى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ دالاي لاماغا تۇتۇپ كەلگەن پوزىتسىيىسىنىڭ غەرب ئەللىرىدە تامامەن ئەكسى تەسىر پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلىگەن.
ماتھىئاس بۆھلىڭەر ئەپەندىنىڭ 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى «گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى» دا ئېلان قىلغان «دالاي لاما گېرمانىيە سىياسەت دۇنياسىنىڭ نەزىرىگە قانداق ئۇلاشتى؟» ناملىق مۇلاھىزىسىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى زاماندا گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دالاي لامانى قوبۇل قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن. خەلق ئىچىدىمۇ تىبەت مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلارنىڭ تايىنى بولمىغان.
گېرمانىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان پېترا خانىم 1986 – يىلى گېرمانىيە پارلامېنتىدا تىبەت ھەرىكىتى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پارلامېنتتىكى مەشھۇر سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشكەن. لېكىن دالاي لامانى گېرمانىيە سىياسىي سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان، ئۇنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن، گېرمانىيە پرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن، قىسقىسى، تىبەت مەسىلىسىگە گېرمانىيە دۆلىتىنىڭ سىياسىي دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ بەرگەن كىشى يەنىلا ئەشۇ مەسخىرىگە قالغان پېترا خانىم بولغان.
پېترا خانىم گېرمانىيىنىڭ ئەينى زاماندىكى پرېزىدېنتىغا، «ئەگەر دۇنيا تىبەتلىكلەرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تۈگەپ كېتىشىنى، شانلىق بىر مەدەنىيەتنىڭ بەربات بولۇشىغا كۆز يۇمۇپ، قۇلاق يوپۇرىۋېلىشنى خالىمىسا، ئۇ ھالدا، ھازىر دەل تەدبىر قوللىنىدىغان ۋاقىت كەلدى،» دەپ خىتاپ قىلغان.
يېشىللار پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى
شۇنداق بىر ئوخشاشلىق دىققەتنى چېكىدۇكى، خۇددى پېترا خانىم تىبەت مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئېلىپ كىرگەندەك، گېرمانىيىدىكى تۆت چوڭ پارتىيىنىڭ بىرى بولغان، دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتقان يېشىللار پارتىيىسىنىڭ بۈگۈنكى رەھبەرلىرىمۇ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىزمەت كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشماقتا.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى قانچە رەت قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەلۇمات يوللىغان ۋە پارلامېنت يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشنى تەكرار – تەكرار تەكىتلەۋاتقانلارمۇ دەل مۇشۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بولماقتا. بۇ پارتىيىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ۋولكەر بەكك ئەپەندى ۋە باۋارىيە شتاتىدىكى مەسئۇللىرىدىن مارگارىتا بائۇزە خانىملار ھازىر د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دوستىغا ئايلىنىپ قالغان. ئۆتكەن يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى بۇ پارتىيە رەھبەرلىرىدىن ۋولكەر بەكك ئەپەندى گېرمانىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغدايلى» ناملىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت 16 ماددىلىق تەكلىپ لايىھىسىنى پارلامېنتنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنغان ئىدى.
ماتھىئاس بۆھلىڭەر ئەپەندىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى دالاي لامانى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغاندا، دالاي لاما تەقدىم قىلغان خادانى ( ئاق رەڭلىك ھۆرمەت شارپىسى) رەت قىلغان. ئانگېلا مېركېلدىن ئىلگىرىكى باش مىنىستىر شىرۆدېرمۇ دالاي لامانى ئەسلا قوبۇل قىلمىغان. پەقەت شرۆدېر دەۋرىدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىشېر دالاي لاما تەقدىم قىلغان خادانى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە رەھبەرلىرى بۇ ئادەتنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. بۇ، بۇندىن ئاران 6 – 7 يىل ئىلگىرىكى ئىش.
«مەن داۋاملىق مۇشۇنداق تىرىشىمەن»
ماتھىئاس بۆھلىڭەر ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، بۈگۈن گېرمانىيىدىكى ھەر قايسى پارتىيە – گۇرۇھلاردىكى سىياسىيونلارنىڭ ھەممىسى دالاي لامانىڭ دوستىغا ئايلىنىپ كەتكەن.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ھېسسېن شىتاتىنىڭ پرېزىدېنتى كۆھلېر ئەپەندىنىڭ نامى مەشھۇر بولۇپ، ئۇ دالاي لاماغا بولغان ئىخلاسىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: » دالاي لامانىڭ مېنى ئەڭ جەلىپ قىلغان تەرىپى، ئۇ تىبەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، تىبەتلىكلەر ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى تىنچلىق ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ قوغداشنى خالايدۇ. دۇنيا تارىخىدا، ئازادلىق ئۈچۈن قوزغىلىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىشلار ھەممىلا يەردە يۈز بەرگەن، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەتتا بەزىلەر بومبىغا تايىنىشتىن ئۆزىنى چەكلىيەلمىدى، بىز كۆزىمىزنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ تىبەتلىكلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نەزەردىن چۈشۈپ قېلىشىغا سەل قارىساق مۇتلەق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تىنچلىق يولىنى تاللىدى.»
ماتھىئاس بۆھلىڭەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 9 – ئايدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىنىمۇ كۆھلېر ئەپەندى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئېغىر دەز كەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ھەتتا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ مېركېل خانىمنى تەنقىدلەپ: «بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلىشىمىز، ئائىلىمىزدە زىلزىلە پەيدا قىلىش ئۈنۈمىنى يارىتىش ئەمەس» دېگەندە، مېركېل خانىم شۇنداق جاۋاب بەرگەن: «مېنىڭچە، تاشقى سىياسىتىمىز گېرمانىيىنىڭ قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك، گېرمانىيىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك. بىر تەرەپتىن قىممەت قارىشىنى تەكىتلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن سودا قىلغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ بۇ جەھەتتە توپلىغان تەجرىبىلىرىمگە ئاساسلانغاندا، نەتىجە ئاز ئەمەس. مەن بۇندىن كېيىن داۋاملىق مۇشۇنداق تىرىشىمەن.»
گېرمانىيىنىڭ بۈگۈنكى باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم 2006 – يىلى 11 – ئايدا چاقىرىلغان د ئۇ ق نىڭ 2 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەن ئىدى.