2008.05.15

2008 – ﻳﯩﻠﻰ 20 – ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ،
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا كۆپلىگەن دۆلەت ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىغان. يىغىن ئەھلى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان. رابىيە قادىر خانىم يىغىن زالىدا ئالاھىدە رەئىس سەھنىسىگە تەكلىپ قىلىنىپلا قالماي، يەنە نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن.
رابىيە قادىر خانىمدىن كېيىن، ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى نۆۋەت بويىچە پىكىر بايان قىلغان. ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى تەسىرلىك پارتىيىلەردىن بىرى بولغان لىبېرال ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى گرام ۋاتسۇن ئەپەندى سۆزگە چىققاندا، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ياۋرۇپا پارلامېنتىدا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىپتىخار ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
5 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن باشلاپ، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا يەنە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلىدىغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىكەن. رابىيە قادىر خانىم يەنە بۇ ئۈچ كۈن جەريانىدا ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بويىچە سۆھبەتلەر ئېلىپ بارىدىكەن.