ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.05
2008.05.05
مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ كېلەر ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھەر خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم:» خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستانغا ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئېغىر باستۇرىۋاتىدۇ» دېگەن ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئولىمپىك مەشئىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرى تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا سولانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رابىيە قادىر خانىم فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتلىرى داۋامىدا يەنە، مەزكۇر تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى يولۇقىۋاتقان دەرت – ئەلەملىرىنى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئاشكارىلاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە ئېلىپ بارىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى 25 – 27 ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىدىغان بولۇپ، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە كېچىلىرى تالاغا چىقىشنى چەكلەشكە ئوخشاش تەدبىرلەرنى ئالغان.