مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.02
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى سېدنىيدا ئاۋسترالىيە دۆلەت ئەربابلىرىغا مىننەتدارلىق زىياپىتى بەردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ئۆز تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن 30 – ئاپرىل كۈنى، ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى رېستۇراندا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئاۋستىرالىيىلىك بىر تۈركۈم دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن.
بۇ پائالىيەتكە ئاۋسترالىيىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ھەم مەتبۇئات ئەربابلىرىدىن بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، زىياپەت ئارىسىدىكى سۆھبەت جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنىڭ ئاۋسترالىيىدە قىزغىن كۈتىۋالغانلىقىغا رەھمەت بىلدۈرۈلگەن.
د ئۇ ق نىڭ ئاۋسترالىيىدىكى ۋەكىلى ھۈسەن ئەپەندى مەزكۇر مىننەتدارلىق پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى، ئاۋسترالىيە ئەربابلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى ئىز ›ھار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر بوكسىيورلىرى ئامېرىكىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بوكس تۈرلىرى بويىچە خىتايدا ۋە بىر قىسىم مەملىكەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئابدۇراخمان، نىجات، مەمەت تۇرسۇن ۋە قانات قاتارلىق تۆت ماھىرى ئامېرىكىغا كېلىپ، 10 – 11 – ماي كۈنلىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. مەزكۇر ئەزىمەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆتكەن يىلىمۇ ئامېرىكىغا كېلىپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىدە قازانغان ئىدى.
بۇ تۆت ئەزىمەت يەنە 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كىشىلىك بوكس كوماندىسىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرماقچى.
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشلىرىنى باشلىدى
گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ھەپتىدە يەنى 26 – ئاپرىل كۈنى گوللاندىيىنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە بارىن ۋەقەسىنى ئەسلەش، خوتەندىكى ئاياللارنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىدا قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش، ئولىمپىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مارافونچە نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيۇشتۇرغان.
بۇ نامايىش 8 – ئايدا ئولىمپىك باشلانغان‹ غا قەدەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى بەختىيار شەمشىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان ھەمدە گوللاندىيىنىڭ تېلېۋىزىيە – گېزىتلىرى نەق مەيداندىن ئۇچۇرلار تارقاتقان.
ئامېرىكىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئولىمپىككە بايقۇت ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكىدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى 29 – ئاپرىل كۈنى چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
چاقىرىقنامىدا دۇنيادىكى يەھۇدىلارنى ئولىمپىككە قاتناشماسلىققا چاقىرىلغان بولۇپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ چاقىرىققا يەھۇدىي تەشكىلات رەھبەرلىرى، مەشھۇر زاتلاردىن بولۇپ، 175 ئادەم ئىمزا قويغان. ئۇلارنىڭ چاقىرىقنامىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران، سۇرىيە ۋە خاماس تەشكىلاتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار دەپ كۆرسىتىلگەن ئىكەن.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى ئادەم ئۇرغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى جازالىماقچى
27 – ئاپرىل كۈنى ئولىمپىك مەشئىلى سىئولغا كەلگەندە جەنۇبىي كېرىيىدە ئوقۇۋاتقان 4000 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچى مەشئەلنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بەزى خىتاي ئوقۇغۇچىلار تىبەتلەرنى قوللاپ نامايىش قىلغان كورىيىلىك نامايىشچىلارنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە ساقچى دائىرىلىرى نەق مەيداندىن ئالغان سىنالغۇ لېنتىلىرىنى بىر – بىرلەپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر گۇرۇپپا تەسىس قىلغان بولۇپ، ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق قالايمىقانچىلىق جەريانىدا بىر ساقچىنى ئۇرغان بىر نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغان.
جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى يەنە قانۇنسىزلىق قىلغان خىتايلارنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقە جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ نەپرىتىنى قوزغىغان.
قازاقىستان ئەڭ چوڭ مەسچىت سالماقچى
قازاقىستاننىڭ شەمەي شەھىرىدە مەركىزىي ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۇ قۇرۇلۇشنى تۈركىيە شىركەتلىرى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىئانە ۋە زاكات ئارقىلىق مەبلەغ توپلىنىدىكەن.
مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر مەيدانى تۆت مىڭ گېكتار بولۇپ، بۇ مەسچىتتە بىراقلا ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ناماز ئوقىيالايدىكەن.