ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.21
2008.04.21
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىندا رابىيە قادىر خانىم، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، چەتئەل ساياھەتچىلىرىگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىدا يۈرۈۋاتقان 45 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مەركەزلەشكەن خەلقئارا جەمئىيەت نەزىرىنى باشقا ياققا بۇراش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، رابىيە قادىر خانىم يەنە: » غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەر بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە كۈرىشىمىزنى قوللايدۇ ھەمدە شۈبھىسىزكى بۇ، خىتايغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرىدۇ» دېگەن.
دەرۋەقە، ئۆتكەنكى بىر نەچچە ئاي جەريانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىكىگە تېررورلۇق ھۇجۇم پىلانلاۋاتقانلىقىنى ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئائىت پاكىت سۈپىتىدە بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭ قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئوت قويۇشقا ئۇرۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا يەنە، ئۈرۈمچىدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرگە تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلان قىلغان 45 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.