ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.11
2008.04.11
ABC تېلېۋىزىيىسىنىڭ 10 – ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر قانال » خىتايغا قارشى كىشىلىك ھوقۇق نامايىشى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، سان فرانسىسكودىكى نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇر نامايىشچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىنىڭ 1949 – يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
خەۋەردە ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئالغان بولۇپ، رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېرقىي قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر خەۋەردە يەنە، نامايىشقا قاتناشقان تىبەت، ۋېيتنام، بىرما نامايىشچىلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەن.
شۇ كۈنىدىكى CNN تېلېۋىزىيىسىنىڭ نەق مەيداندىن بېرىلگەن خەۋىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، رابىيە خانىمنىڭ نامايىشتىكى كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەن ئىدى.