ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.10
2008.04.10
ئولىمپىك مەشئىلى ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىگە يېتىپ كېلىشكە بىر كۈن قالغاندا يەنى 8 – ئاپرىل كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، سان فرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە خانىم، يىغىندا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق زۇلۇم ئاستىدا ئېزىۋاتقان خىتاينىڭ، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە لايىق ئەمەسلىكى توغرىسىدا توختىلىپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشكە چاقىردى.
رابىيە خانىمنىڭ نۇتقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان نەچچە مىڭلىغان كىشىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. رابىيە خانىم يىغىندىن كېيىن يەنە مەزكۈر يىغىنغا قاتناشقان، كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىسى داڭلىق ئامېرىكا كىنو ئارتىسى رىچارد گېر ئەپەندى بىلەنمۇ قىسقا سۆھبەتتە بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.
9 – ئاپرىل كۈنى رابىيە قادىر خانىم، كالىفورنىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە، سان فرانسېسكودا ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتنىشىپ، نامايىشنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، نورۋىگىيە رافتو كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئويۇشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىراش يولغا چىقتى.