خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پاش قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى سۆزىدە، ئاز دېگەندە 45 گۇماندارنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئىلىدىن تۇتۇلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا يەنە قىسمەن پارتلاتقۇچ بومبا شۇنىڭدەك قوراللارنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.04.10
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە يەنە، مەزكۈر كىشىلەر ئولىمپىككە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر شۇنىڭدەك چەتئەللىك مۇخبىرلارنى گۆرۈگە ئېلىش سۈيقەستى پىلانلىغان. جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ يىل 1 ‏ – ئايدا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى رېستورانلارنى پارتلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ھەتتا ھۆكۈمەت بىناسى ۋە ھەربىي ئورۇنلارنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان گۇماندارلارنى قولغا ئالغان. باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كىشىلەر شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىكەن.

ئەمما ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش باھانىسىدا ئۇيغۇرلارنى ھەدەپ قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، ساختا پاكىتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.