2008.04.07
ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 3000 ساقچى سەپەرۋەر قىلىنغان
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى دۈشەنبە كۈنى مەخسۇس ئايروپىلاندا پارىژ شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەندە يەنە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياقلىغۇچى زاتلارنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقى ۋە كاشىلىسىغا ئۇچرىدى. فرانسىيىلىك دائىرىلەر پارىژ شەھىرىدە ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن 3000 ساقچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، مەشئەلنى بىر تىك ئۇچار، سىنا دەرياسىدا 3 ساقچى كېمىسى ۋە برونىۋىكلار بىلەن قوغدىغان بولسىمۇ، لېكىن تىبەتلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىگە غەزەپلەنگەن نامايىشچىلارنىڭ شىددەتلىك نارازىلىقىنى توسۇۋالالمىدى.
ئەسلى شۇ كۈنى پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئولىمپىك مەشئىلى ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. لېكىن فرانسىيە يېشىللار پارتىيىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا تىبەت بايرىقى بىلەن بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەت قىلىش مەزمۇن قىلىنغان 5 كىشەنلىك قارا بايراقنى ئېسىۋالغانلىقى تۈپەيلى پارىژ شەھەر باشلىقى بېرتراند دېلون مۇراسىمنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
فرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى نامايىش پىلانىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى
ئېفىل مۇنارى ئالدىدىكى مۇراسىمدىن كېيىن، مەشئەلچى 200 مېتىرغا ماڭا – ماڭمايلا نامايىشچىلارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىدى. پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغۇچىلار نارازىلىقنىڭ كەسكىنلىكى تۈپەيلى مەشئەلنى پىيادە ئېلىپ مېڭىشقا پېتىنالماي 3 قېتىم ئاپتوموبىلدا ئېلىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى شۇنداقلا مەشئەل 3 قېتىم ئۆچۈرىۋېتىلدى. فرانسىيىلىك دائىرىلەر مەشئەلنى بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئۆزلىرىنىڭ ئۆچۈرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتىدىغان يولنىڭ قىرىدا نامايىشچىلار تىبەتنى قوللايدىغان شۇئارلارنى توۋلاشماقتا ئىدى.
بۇ جەرياندا ساقچىنىڭ چەكلەنگەن سىزىقىدىن ئۆتۈپ ئولىمپىك مەشئىلىگە ئېسىلىپ ئۇنى ئۆچۈرىۋەتمەكچى بولغان بىر نامايىشچى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ساقچىلار بۇ نامايىشچىنى ناھايىتى تېزلا تىز پۈكتۈردى، نامايىشچىنىڭ ئاغزى – بۇرنى قان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تىبەتنى ھىمايە قىلىش شۇئارى توۋلىماقتا ئىدى. تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ سۈرەتلىك خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مەشئەلچى فرانسىيىلىك ساقچىلار ۋە مەشئەلنى قوغداپ ماڭغان خىتاي قوغدىغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىدە ئاران ماڭاتتى. ئولىمپىك مەشئىلى ئېفىل مۇنارىدىن يولغا چىقىپ چەمپس – ئېلىسېي كوچىسى، زەپەر دەرۋازىسى، بۈۋى مەريەم ئىبادەتخانىسى، خىتايلار ئولتۇراقلاشقان 13 – رايونلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرى شارلىتي تەنتەربىيە سارىيىدا توختىدى. مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى روبېرت مىنارد، پارىژدىكى نارازىلىقنىڭ ئولىمپىك پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا «ئۆرنەكلىك، لېكىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر» ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۇ، فرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرى تۈپەيلى نامايىش پىلانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ، » خىتاي ھۆكۈمىتى بىرقانچە سائەتلىك بولسىمۇ پارىژنى تيەنئەنمىن مەيدانىغا ئۆزگەرتمەكچى بولدى» دەيدۇ.
نامايىشچىلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە تىبەت سىياسىتىنى ئەيىبلىدى
ئولىمپىك مەشئىلى ئۆتكەن يولنىڭ ئۈستىدە نامايىشچىلارنىڭ نارازىلىقىدىن سىرت بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قوللايدىغان بەزى خىتايلار خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ئولىمپىك مەشئىلىگە ئېھتىرام بىلدۈرگەن. پارىژ ئولىمپىك مەشئىلى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىققا ئۇچرىغان 3 – شەھەر بولۇپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئولىمپىك مەشئىلى لوندون ۋە ئىستانبۇللارغا كەلگەندە بۇنىڭغا ئوخشاش قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئولىمپىك مەشئىلى يەكشەنبە كۈنى لوندونغا يېتىپ كەلگەندە بىر نامايىشچى مەشئەلنى تارتىۋېلىشقا تاسلا قالىدۇ. ئولىمپىك مەشئىلى لوندوننىڭ ۋېنبېرگ پۇتپول مەيدانىدىن يولغا چىقىپ دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىغا يېتىپ بارغىچە بولغان 2 سائەت جەريانىدا نامايىشچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز نارازىلىقىغا ئۇچراپ تۇردى.
مەشئەلنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىلغا چىقماقچى بولغان 3 نەپەر تىبەتلىك بىلەن مەشئەلگە ئېسىلغان بىر نەپەر نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى. يەنە بىر ئادەم ئوت ئۆچۈرگۈچ بىلەن مەشئەلنى ئۆچۈرمەكچى بولدى. لوندون شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى مەشئەلنى قوغداش ئۈچۈن 2000 نەپەر ساقچىنى سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، ئاز دېگەندە 35 نەپەر نامايىشچى تۇتقۇن قىلىندى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن لوندوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئېلىپ ماڭىدىغان يولنىڭ لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئەنگىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ دوۋنىڭ كوچىسىدىكى ئىشخانىسى بولۇپ، باش مىنىستىر گولدون بروۋېن ئولىمپىك مەشئىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە دوۋنىڭ كوچىسىدىكى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن بىرەر مىڭ نامايىشچى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە تىبەت سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى سان – فېرانسېسكوغا قاراپ يولغا چىقتى
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مەركىزىنىڭ باياناتچىسى لوندوندىكى نارازىلىقنى ئاز ساندىكى » تىبەت مۇستەقىلچىلىرى » نىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بۇزغۇنچىلىقى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ كېيىنكى بېكىتى ئامېرىكىنىڭ سان فرانسېسكو شەھىرى. ئولىمپىك مەشئىلى بۇ يەردە تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلار، فالۇنگوڭ، تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كەڭ – كۆلەملىك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئۇلار يەكشەنبە كۈنى كالىفورنىيىنىڭ سانتا مونىكا ساھىلىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلىنى يەتكۈزۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەشئىلى شۇ كۈنى لوس ئانگېلىس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان. يەكشەنبە كۈنكى مۇراسىمدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ماكسېن ۋوتېرس، » خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. لېكىن بىز كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئولىمپىكتىن ئۈستىن تۇرۇش قىممەت قارىشى بۇيىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇ جيانى قويۇپ بېرىشىنى، تىبەتكە دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز » دەپ سۆزلىدى.
4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى سان فرانسىسكودىكى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئورگانلارنىڭ بىرى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ مەسئۇلى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى سان – فېرانسېسكوغا قاراپ يولغا چىققان. ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، لېكىن مەشئەلنىڭ قەدىمى يەتكەنلا يەردە يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىقلار ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر باش ئاغرىقى بولۇپ قالماقتا. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئولىمپىك مەشئىلى سان فرانسېسكو كەلگەندە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سان فرانسىسكودىكى يەرلىك دائىرىلەر بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ياردەم ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، ئەمما پارىژدىكى ۋەقەگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.