2008.04.03
تۈنۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى قاتارلىق كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا خوتەندىكى ئاياللار نامايىشى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. بۈگۈن روېيتېرس ئاگېنتلىقى، ۋول سىترېت جورنىلى قاتارلىق يەنە كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خوتەن نامايىشى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىندى.
«ۋال سىترىت جۇرنىلى» دا، 23 – مارت كۈنى خوتەندىكى نامايىشچىلارنىڭ چوڭ بازاردا تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقانلىقىنى، تەشۋىقات ۋاراقلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەرنى ئۈلگە ئېلىشقا چاقىرىلغانلىقى يېزىلغان. مۇخبىر بۇ ئۇچۇرنى خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بايانلىرىدىن ئالغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارنى ئىسلامىي ھاكىمىيەت قۇرماقچى دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما «ۋول سىتىرېت جۇرنىلى»، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكتىن شىكايەتچى ئىكەنلىگىنى نامايىشنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى دەپ يازغان. خەۋەردە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيانى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە تىبەتكە قارىغان كۆزدە قاراشقا چاقىرغانلىقى قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن. (ئەقىدە)