2008.04.03
خىتاينىڭ بېيجىڭدىكى بىر سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغۇچى خىتايدا دېھقانلار ھوقۇقى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە تىبەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن نام چىقارغان پائالىيەتچى زات خۇ جيا ئىدى. سوت مەھكىمىسى خۇ جيانىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
» بىز خىتاينىڭ … كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ياخشىلاشتا ئالغا بېسىشقا چاقىرىمىز»
خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ساخاروۋ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ دېلوسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلىك گۇناھى ئۈچۈن 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسەن خۇ جيا بىر يىلغا قەدەر سىياسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. خۇ جيانىڭ قولغا ئېلىنىش ۋەقەسى ئامېرىكا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوغدايدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئەڭ بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، » بىز ئولىمپىك يىلىدا خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالغا بېسىشقا چاقىرىمىز،» دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى خۇ جيا مەسىلىسىدە غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېسىمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى باياناتچىسى فىنگلتون خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس 2 – ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرىغا خۇ جيانىڭ مەسىلىسىنى تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خۇ جيانىڭ «جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقى ۋە جازانى قوبۇل قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.
«خۇ جياغا 3 يېرىم يىللىق جازا مۇۋاپىق بولمىدى»
خۇ جيانىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ رادىئومىزغا ئەسكەرتىشىچە، ھۆكۈمنامىدە خۇ جيانىڭ 2006 ۋە 2007 – يىللىرى ئېلان قىلغان 5 ماقالىسى شۇنداقلا بۇ جەرياندا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ 2 قېتىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئاساسى جىنايىتى بولۇپ قالغان. ئادۋوكات لى فاڭپىڭ، ھۆكۈمنامىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى، خۇ جيانىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، » بىز بۇ ھۆكۈمنى قوبۇل قىلالمايمىز. چۈنكى خۇ جىيا ئېلان قىلغان بۇ ماقالىلار دۆلەت ھاكىمىيىتىگە چېتىلغان ئەمەس. ئۇنىڭغا 3 يېرىم يىللىق جازا مۇۋاپىق بولمىدى،» دەيدۇ. سوت مەھكىمىسى ئالدىدا مۇخبىرلارغا پۇقرالارنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى بارلىقىنى تەكىتلىگەن لى فاڭپىڭ، » قانۇندىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى دېگەن بۇ ماددىسىنىڭ ئېنىقلىمىسى مۈجىمەل، لېكىن ئاساسى قانۇندا پۇقرالارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان،» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شۇ كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئاقلاپ، چەتئەللىك تەنقىدچىلەرنىڭ بۇ دېلو ھەققىدىكى تەنقىدى جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىقتۇر،‹ دەپ تەكىتلىگەن. خۇ جياغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتىغا خۇ جيانىڭ ئانىسى ۋە ئايالى زېڭ جىنيەنلەرنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى. لېكىن ئۇلار مۇخبىرلارغا سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ئۆزلىرىنى ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى ۋە غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«خۇ جيا سىياسى قۇربان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قۇربانى»
خۇ جيانىڭ ئانىسى مۇنداق دەيدۇ، » ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندىم، ئەسلى بىگۇناھ ئىدى. ھازىر 3 يېرىم يىل تۈرمىدە ياتىدىغان، سىياسى ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلىنىدىغان بولدى. بەك ناھەقچىلىك بولدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سوتچى بىزنى چاقىرتىپ كۆز قارىشىمىزنى سورىدى. مەن پۇقرالارغا سۆز ئەركىنلىكى بەرمەي سۆزلىگەنلەرنى جازالاۋاتىسىلەر. سۆزلىگەنگە ئاسمان ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. خۇ جيا سىياسى قۇربان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قۇربانى، دېدىم.» دائىرىلەر جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ خۇ جيانىڭ سوتىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. لېكىن سوت ئېچىلىۋاتقاندا سوت مەھكىمىسىگە ئالدىغا تەخمىنەن 200 دەك ئادەم يىغىلىپ، خۇ جياغا ھىسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن. تاماشىبىنلارنىڭ بىرى خۇ جيانىڭ » قەھرىمان،» دەپ تەرىپلىگەن. خۇ جيانىڭ سوتىغا بېيجىڭدىكى چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ قىزىقىشى كەم بولمىدى. ئۇلار ۋەقە توغرىسىدا خەۋەر بېرىش، خۇ جيانىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى ئالدىدا كۈتۈپ تۇرۇشقان.
ئادۋوكات لى فاڭپىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىگە ئەرز قىلىش ياكى قىلماسلىق توغرىسىدا بىر پىكىرگە كەلمىگەنلىكىنى، 10 كۈن ئىچىدە خۇ جيا بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ ھەقتە بىر پىكىرگە كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ، » ھۆكۈمنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇمۇ ھىس قىلدى. ئەرز قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە ئۇ تېخى بىر پىكىرگە كەلمىدى. بىز يەنە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىمىز. بولۇپمۇ خۇ جيانىڭ ئانىسىنىڭ پىكىرىنى ئالىمىز،» دەيدۇ.
خۇ جيانىڭ دېلوسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى كېڭىشىنىڭ ئالى كومىسسارى لۇئىس ئاربور خانىمنىڭ دىققىتىنى تارتقان. لۇئىس ئاربورنىڭ باياناتچىسى روپېرت چولۋېللې مۇنداق دىدى، » دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى خۇ جيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار دېلولاردا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيىتىنى جازالاش ئاساسى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىغا ئەندىشە بىلەن قاراۋاتىمىز.» خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى مارك ئەللىسون، خۇ جيانى جازالىنىشى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش، دەپ ئەسكەرتىدۇ.
پەيشەنبە كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يېشىللار گۇرۇھىنىڭ رەئىسى دانىيال كوخېن بېندىت سوت مەھكىمىسىنىڭ خۇ جيا توغرىسىدىكى ھۆكۈمىتىنى «ئادالەتسىز، قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان، ئولىمپىكنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھەرىكەت،» دەپ ئەيىپلىدى. بۇ يىل 34 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى خۇ جيا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇھىت ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىدى. ئۇ يەنە چەتئەلدىكى بەزى تور بەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەت سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ھەم تىبەتلەرنىڭ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە» رۇخسەت قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)