2008.04.02
رومانىيىدە ئېچىلغان ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا 26 ناتو دۆلىتىدىن باشقا يەنە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ ناتو دۆلەتلىرى تارىخىدا ئەڭ چوڭ ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ئۇكرائىنىيە ۋە گروزىيىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى قارار قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا يەنە، بالقان دۆلەتلىرىدىن كېرۇدىيە، ئالبانىيە، ماكىدونىيىلەرمۇ ناتوغا ئەزا بولۇش ئارزۇيىنى ئىپادىلىگەن.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش رومانىيىنىڭ پايتەختى بۇخارىستتا ئېچىلغان بۇ چوڭ ئۇچرىشىشتا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ ناتو سىياسىتىنى ئاشكارىلاپ، گروزىيە ۋە ئوكرائىنىيىنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەت بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ناتو دۆلەتلىرىنى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاداققىچە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا رومانىيە خەلقىنىڭ ياۋۇزلۇققا قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلىپ، كوممۇنىزم مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى ئۆز دۆلىتىنى ئەركىن دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقىنى مەدھىيىلىدى ۋە بۇ باتۇر خەلقنى ھازىر گروزىيە ۋە ئوكرائىنىيىدەك ناتوغا ئەزا بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە، دېگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، رۇسىيە بۇ قېتىم ناتونىڭ شەرققە كېڭىيىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. (ۋەلى)