2008.04.01

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇر ئاياللار نامايىش قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن دىنىي ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن بۇ ۋەقەدە ساقچىلار ئاياللارنى ئاساس قىلغان تەخمىنەن 1000 دەك نامايىشچىنىڭ ئاز دېگەندە 600 نەپىرىنى تۇتقۇن قىلغان.

ئامېرىكىدىكى ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، خوتەن ئاياللىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى تىبەت خەلقىنىڭ نامايىشىغا سېلىشتۇردى ۋە بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «جەسۇرانە ھەرىكىتى» دەپ ماختىدى ھەم ھەر بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى شۇ مىللەتنىڭ ئۆز قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ مەزكۇر ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.