2008.03.25
22 - مارت كۈنى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي بايرىمى نورۇزنى داغدۇغا بىلەن كۈتۈۋالدى. نورۇز پائالىيىتىنى گوللاندىيىدە يېڭىدىن تەشكىللەنگەن گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتنى تەشكىللەشكە مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ ئوغلى ،گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئالماس ئەپەندى يىتەكچىلىك قىلغان.
پائالىيەت ئامىستېردام شەھىرى خاۋزىنفېلتسلوتېمېر رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ زالىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتكە گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىرت ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان بىر قىسىم شەخىسلەر ،گوللاندىيە ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى، ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىشچىلار پارتىيىسى خادىملىرى ۋە گوللاندىيىدىكى NMO رادىئوسى «تۇرك دۇنياسى ۋە ئىسلام» پروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى قاتناشقان ۋە سۆزگە چىقىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىلدۈرگەن.
تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت روزى ئەپەندى گوللاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
نورۇز پائالىيىتى گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان سەنئەتكار كامىل ئابباس ۋە بېلگىيىدىن كەلگەن سەنئەتكار ئەركىن ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇنلىشىدا ھاياجانلىق كەيپىياتقا تولغان. (يالقۇن)