2008.03.19
ئالدىنقى ھەپتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن خىتاي تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بېيجىڭدا مەخسۇس مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاتالمىش ئۇيغۇرلار پەيدا قىلماقچى بولغان ئايرۇپىلان بۇلاش ۋە پارتلىتىش ۋەقەسىنى تار - مار قىلغانلىقى شۇنداقلا 27-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلماقچى بولغان ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىپ،ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى،15 نەپەر ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا قولغا ئېلىپ،بىر قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى،بۇ ۋەقەلەرنى «شەرقى تۇركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ پىلانلىغانلىقى،ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
ۋەقەنىڭ راستلىقى گۇمانلىق
كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بولسا،خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. كانادالىق ئاتاقلىق تېررور مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەرىك مارگولىس خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە ھەدەپ ئىسلامى تۈس بېرىپ،بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى، شۇنداقلا ئۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كانادادىكى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان كتۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ستېۋ چاۋ، بېيجىڭدىن بەرگەن مەلۇماتىدا ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، بۇنىڭ سىرتقا تارقىلىشىنى ۋە مەتبۇئاتلاردا خەۋەر قىلىنىشىنى چەكلەپ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ھەدەپ داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقىنى ، ئامما ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان يىپ ئۇچلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ،شۇڭا ۋەقەنىڭ چىنلىقىنىڭ كىشىلەردە شۈبھە تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
خەۋەردە ئۆزبېكىستاندا قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا باغلاپ كۆرسىتىلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى، بۇ دېلونىڭ كانادا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرگەنلىكى، كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېرنىڭ خىتاينىڭ ھۈسەيىن جېلىلنى تېررورچىلىق بىلەن باغلىشىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكى قاتارلىقلار ئەسكەرتىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۆز مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا
كانادادىكى تېررور مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەرىك مارگولىس كتۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھەدېگەندىلا شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا چېتىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، كىشىلەر ›شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى‹ غا ئادىل مۇئامىلە قىلمىدى. 1946-يىلى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قالغان شەرقى تۈركىستاننى نۆۋەتتە بىز، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتاۋاتىمىز.
خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان، ئاساسلىق ئاھالىسى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بولغان بۇ رايون ئەينى ۋاقىتتا تىبەت بىلەن ئوخشاش بىر مەزگىلدە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئامما خەلقئارادا بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بولمىغانىدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار 40 – يىللاردىن بېرى مۇستەقىللىقلىرىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلمەكتە.خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىغا ئىسلامى تېررورچىلىق قالپىقىنى كېيدۈرۈشى ۋە ھەدىسىلا ئۇيغۇرلارنى بۇ تەشكىلاتقا باغلاشقا ئۇرۇنۇشى سىياسىي ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس » دەيدۇ.
خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلىماقتا
تېررور مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى ئەرىك مارگولىس شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بېيجىڭدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ھەقىقەتەن تەھدىتمۇ - يوق، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ:» مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. بۇ تەشكىلات ئولىمپىك ئۈچۈن جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ. راستىنى ئېيتقاندا بۇ ئىسلامچى تەشكىلاتمۇ ئەمەس. بۇ تەشكىلاتنى ئىسلامچى تەشكىلات دېيىش ئۇنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاشتۇر. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن يوق قىلىنىشىغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتقان مىللەتچى گۇرۇھتۇر » دەيدۇ.
خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىش
كانادادىكى نوپۇزلۇق گېزىت بولغان «گلوبە ئاند مائىل» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى گېئوففرېي يورك بولسا مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلغان» بېيجىڭ ئولىمپىكنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى»ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى تىلغا ئېلىپ:» بۇ ئىككى ئەيىبلەشنىڭ ھەممىسىلا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان.خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىۋاتقان خەلققە قارىتا قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىككى دېلونى بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىشى ۋە تېررور تەھدىتىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ » دەپ يازىدۇ.
گېئوففرېي يورك ماقالىسىدە بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ،ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكىلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى ۋە ئېتنىك مىللەتلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ:»خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى بولغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى «بۆلگۈنچىلەر»ۋە «تېررورچىلار» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقى ھېچكىم ئۈچۈن سىر ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى 90-يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتاينىڭ قاراڭغۇ تۈرمىلىرىدە ياتماقتا » دەپ يازىدۇ. (كامىل تۇرسۇن)