2008.03.17

17 – مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە «سېرىق ۋە ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش » تېلېۋىزىيە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا سىياسىي تۈسكە ئىگە ۋە «قانۇنسىز» دىنىي نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىشنى بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ تېخىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى 2007 – يىللىق «سېرىق ۋە ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش» خىزمىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سىياسىي تۈسكە ئىگە ۋە قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىشنى 2008 – يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش توغرىلىق يوليورۇق بەرگەن.

ئۇ يەنە، مەركەزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ «زەربە بېرىش خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق تەرەپ ۋە نۇقتىلىق خىزمەت» قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 2007 – يىللىق «سېرىق ۋە ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش» جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە 1مىليون 810 مىڭ پارچە نەشر بۇيۇمى يىغىۋېلىنغان 915 سېتىش ئورنى پېچەتلەنگەن ھەمدە نەشر قىلىش ئورۇنلىرى 6435 قېتىم تەكشۈرۈلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېرىق ۋە ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بېرىش ئەسلىدە، خەلق تۇرمۇشىغا پايدىلىق ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى «سېرىققا زەربە بېرىش» نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

دىلشات رىشىت «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ماھىيىتى بۇيىچە توغرا يۈرگۈزۈشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. (جۈمە)