2008.03.08
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 3 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ياۋرۇ – ئاسىيا خەۋەرلەر تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان سۆھبىتىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، تىل ۋە مەدەنىيىتىنى يۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغان» دەپ كۆرسەتكەن.
رابىيە قادىر خانىم، ياۋرۇ – ئاسىيا خەۋەرلەر تور بېتىنىڭ مۇخبىرى، جاۋشا كوسىرا بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىنچلىق يولى بىلەن سىياسىي مەقسەتكە يېتىشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىگە پەقەت زۇلۇم، ئازاپ – ئوقۇبەت، نامراتلىق ۋە قالاقلىق ئېلىپ كەلدى» دېگەن.
ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ كۈنسېرى كۈچيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن رابىيە قادىر خانىم، «خىتاي ھۆكۈمىتى مىنى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا پرېزىدېنت جۇرج بۇشنىڭ ئۆتكەن يىلى يازدا پراگادا مىنى قوبۇل قىلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتىلگەن كۈچلۈك بىر سىگنال بولۇپ، بۇ ۋەقە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئۈمىدلەندۈرگەن» دەپ كۆرسەتكەن.
ياۋرۇ – ئاسىيا خەۋەرلەر توربېتىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىىدىمۇ ئۇيغۇر مەسىلسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچيىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، مەن ئۆزۈملا 6 قېتىم يىغىنغا قاتنىشىپ گۇۋاھلىقتىن ئۆتتۈم» دېگەن.
ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلسىنى قوللىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قورچىقىغا ئايلانغانلىقى دېگەنلىك ئەمەس دەپ، تەكىتلىگەن رابىيە خانىم، «ئامېرىكىدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش بىزنى سۆيۈندۈرىدۇ ئەلۋەتتە» دېگەن. (ئۆمەر قانات)