2008.03.07

8 ‏- مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى خاتىرىلەندى

3 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى. بۇ كۈن مۇناسىۋەت بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى. قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاياللار بايرىمىنى خاتىرىلەپ، مەخسۇس پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇردى.

5 ‏- مارت كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمئىيىتى بىشكەكتىكى دىيار رېستۇرانىدا پائالىيەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 100 دىن ئارتۇق خانىم ‏- قىز قاتناشقان. ئىتتىپاق جەمئىيىتى ئاياللارنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 8 ‏- مارت ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن خانىم ‏- قىزلارنى جۈملىدىن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى تەبرىكلىدى؛

ئەنقەرەدە «مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق يىغىن چاقىرىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن ‏- مائارىپ ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان UNESCO، 2008 ‏- يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن `مەھمۇت قەشقىرى يىلى` دەپ ئېلان قىلغاندىن بۇيان تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى. 2 ‏- ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخابادتا `تۈركولوگىيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى` ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

3 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى بولسا ئەنقەرەدىكى تۈرك ئوجاقلىرى مەركىزىدە مەھمۇت قەشقىرىگە بېغىشلانغان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا تۈركىيىدە تونۇلغان تۈركولوگ، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى، غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندى `ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە تۈركىي تىللار دىۋانى` ماۋزۇلۇق لېكسىيە بەردى. پروفېسسور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ئىلمىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.

بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەندى

شىتابى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاخبارات بۆلۈمى يېقىندا، مەرھۇم تارىخىي شاھىد ۋە پائالىيەتچى بارات ھاجىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ چىقتى.

بۇ فىلىمدە مەرھۇم بارات ھاجىمنىڭ جاپالىق ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئازادلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، تۈرمە ھاياتى تەپسىلى بايان قىلىنغان. بارات ھاجىم ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە قىيىن شارائىتلاردا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 ‏- 40 ‏- يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابلىرىغا قاتناشقان. 1944 ‏- 1949 ‏- يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابتا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېرى سۇپىتىدە جەڭلەرگە قاتنىشىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن.

خىتايدا ئىككى يىغىن ئېچىلماقتا

ھازىر خىتايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنلىرى ئېچىلماقتا بۇنىڭدا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جيباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە بىر قاتار مەسىلىلەر قاتارىدا پۇل پاخاللىقى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئالدى. بۈگۈن 3 ‏ ‏- ئاينىڭ 6 ‏ ‏- كۈنى ھەر قايسى ئۆلكىلەر بويىچە گۇرۇپپا يىغىنلىرى ئېچىلىپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ يىغىنغا بەرگەن دوكلاتىغا مەدھىيە ئوقۇلغان. ۋېن جياباۋ نۇتقىدا، خىتاينىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە يېتەكچىلىكىدە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى، جۈملىدىن دۆلەت ئاپپاراتلىرىدا ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ قېتىم ھەر قايسى ئۆلكىلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىشىغىمۇ مەلۇم قولايلىقلار يارىتىلغان بولۇپ، ھەتتا شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىنتېرنېت تورلىرى قۇرۇلۇپ، ھەم ئۇلارنىڭ مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىشىغا شارائىت يارىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن، مەزكۇر ۋەكىللەرنىڭ دادىللىق بىلەن راست سۆزلىيەلىشى گۇمان قوزغىماقتا.

جورج بۇش ئولىمپىك مۇراسىمىغا بارغاندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش 6 ‏- مارت كۈنى ئاق سارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مەزگىلىدىكى بېيجىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا مەزكۇر زىيارەتنىڭ پەقەتلا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تاماشا قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

پرېزىدېنت جورج بۇش، مۇراسىمغا بارغاندا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جورج بۇش سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ساغلام، پۈتۈن، ئىناق بىر جەمئىيەت دېگىنىمىز دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇلغان جەمئىيەتتۇر.»

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋەتىنىگە قايتىش ھەرىكىتى باشلىدى

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم خىتاي دېموكراتلىرىدىن ۋاڭ دەن، ياڭ جىيەنلى، خۇپىڭ شۇنىڭدەك تەيۋەندە ياشاۋاتقان ئۆركەش دۆلەت قاتارلىقلار 6 ‏- مارت كۈنى خىتاينىڭ ھەر قايسى ئەلچىخانىلارغا ئوچۇق خەت يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى بويىچە، ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ياكى ئۇزارتىپ، جۇڭگوغا ئەركىن كىرىپ ‏ ‏- چىقىشقا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. «ۋەتەنگە قايتىش» ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتلىرى ئارىسىدا ئەۋجى ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئۆركەش دۆلەت ھەم ۋاڭ دەن قاتارلىقلار ۋەتەنگە قايتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق ئىزچىل رەت قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

نۆۋەتتە، بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى ئىككى يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئولىمپىك مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

كانادا كوممۇنىزىمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە مۇنارىسى تىكلىمەكچى

نۆۋەتتە، كانادامۇ كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش مۇنارى تىكلەشكە تەييارلىق قىلماقتا. كانادا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى جېيسون كېننېي تورونتو شەھىرىدە، كوممۇنىزىمنىڭ دەردىنى تارتقان شەرقى ياۋروپادىكى پولشا، چېخ، سلوۋاكىيە، لاتۋىيە ھەمدە نۆۋەتتە بۇ تۈزۈمدە تۇرۇۋاتقان كۇبا، شىمالىي كورىيە، ۋيېتنام ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن زاتلار قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلىپ، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان نەچچە ئون مىليونلىغان ئىنسان ئۈچۈن كانادادا خاتىرە مۇنارىسى تىكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىمۇ ئۆتكۈزۈلۈپ، پرېزىدېنت بۇش نۇتۇق سۆزلەپ، كوممۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئىنسانلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك ۋاشىنگتوندىمۇ خاتىرە ئورنى قۇرۇلغان ئىدى.

ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيە مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا

كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق بىر قىسىم مەملىكەتلەر ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولسا، گرۇزىيە تەۋەلىكىدىكى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئاسسېتىيىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھەقىقەتەن ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغان. ئۆتكەن ھەپتىدە ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئاسسېتىيە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە باشقا ئەللەردىن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولسا، ئابخازىيىگە قاراتقان ئىقتىسادىي بېسىمنى بىكار قىلغان ھەمدە رۇسىيە پارلامېنتى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ گرۇزىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. (ئۈمىدۋار)